عن عبد الله بن الزبير رضي الله عنهما قال: سمعتُ رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: وقد كان الناسُ انهزموا عن رسول الله صلى الله عليه وسلم حتى انتهى بعضُهم إلى دُون الأَعْراض على جبلٍ بناحيةِ المدينة، ثم رجعوا إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم وقد كان حَنْظَلة بن أبي عامر الْتَقَى هو وأبو سفيان بن حرْب، فلمَّا اسْتَعْلاه حَنْظَلة رآه شَدَّاد بن الأسْود، فعَلَاه شَدَّاد بالسيْف حتى قتله، وقد كاد يَقْتل أبا سفيان، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «إنَّ صاحبَكم حَنْظَلةُ تُغَسِّلُه الملائكةُ، فسَلُوا صاحبتَه»، فقالت: خرج وهو جُنُبٌ لما سمِع الهائِعَة، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «فذاك قد غَسَّلَتْه الملائكةُ».
[حسن] - [رواه ابن حبان والحاكم والبيهقي]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى: مۇسۇلمانلار ئوھۇد كۈنى مەغلۇپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قويۇپ قېچىپ، مەدىنە يېنىدىكى تاغقا جايلاشقان يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ توختىدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى، شۇ ۋاقىتتا ھەنزەلە ئىبنى ئەبى ئامىر بىلەن ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب ئۇچرىشىپ قالدى، ھەنزەلە ئەبۇ سۇفياننى بېسىۋالغاندا شەدداد ئىبنى ئەسۋەد ئۇنى كۆرۈپ، ھەنزەلەگە قىلىچ ئۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈردى، ھەنزەلە ئەبۇ سۇفياننى ئۆلتۈرۈشكە ئاز قالغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەمراھىڭلار ھەنزەلەنى مالائىكىلەر يۇيىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئايالىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى، ئايالى: جەڭگە چاقىرىلغاندا، ئۇ ئۆيدىن جۇنۇپ ھالدا چىقىپ كەتكەن،-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۇ سەۋەبتىن ئۇنى مالائىكىلەر يۇدى» دېگەن
ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - ئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

مۇسۇلمانلار ئۇھۇد كۈنى غەلبە قىلغان ئىدى، ئوقچىلار رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغاندىن كېيىن مەغلۇپ بولدى، بەزى كىشىلەر رەسۇلۇللاھنى قويۇپ قېچىپ، مەدىنە ئەتراپىدىكى يىزا-قىشلاقلارغا بېرىپ توختىغاندىن كىيىن، يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى، شۇ ۋاقىتتا ھەنزەلە ئىبنى ئەبى ئامىر بىلەن مۇشرىكلارنىڭ كاتتىۋېشى ئەبۇ سۇفيان جەڭ مەيدانىدا ئۇچرىشىپ قالدى، ھەنزەلە ئەبۇ سۇفياننى بېسىۋىلىپ، ئۆلتۈرۈشكە ئاز قالغاندا شەدداد ئىبنى ئەسۋەد كۆرۈپ، ھەنزەلەگە قىلىچ ئۇرۇپ ئۇنى شېھىت قىلدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلارغا: ھەنزەلەنى مالائىكىلەر يۇيۇۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر قىلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئايالىدىن سوراپ بېقىشقا بۇيرىدى، ئايالى ئۇلارغا: جەڭگە چاقىرىلغاندا، ئۇ ئۆيدىن جۇنۇپ ھالدا چىقىپ كەتكەن،- دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: ئۇ جۇنۇپ ھالەتتە شەھىد قىلىنغانلىقى ئۈچۈن پەرىشتىلەر ئۇنى يۇيغانلىقىنى خەۋەر بەردى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ