عن أنس رضي الله عنه أن أم الرُّبيع بنت البراء وهي أم حارثة بن سُراقة، أتَت النبي صلى الله عليه وسلم فقالت: يا رسول الله، ألا تُحَدِّثُنِي عن حارثة -وكان قُتِل يوم بَدْرٍ- فإن كان في الجنَّة صَبَرْت، وإن كان غير ذلك اجْتَهَدْتُ عليه في البُكَاء، فقال: «يا أم حارثة، إنها جِنَان في الجنة، وإن ابْنَك أصَاب الفِردَوْس الأعلى».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بەرانىڭ قىزى ئۇممۇ رەبىيئى(ئۇ ھارىس ئىبنى سۇراقىنىڭ قىزى ئىدى)پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ھارىسە توغرىلىق سۆزلەپ بەرگىن، ئۇ بەدىر ئۇرۇشىدا شەھېت قىلىنغان ئىدى، ئەگەر ئۇ جەننەتتە بولسا سەۋىر قىلاي، ئەگەر ئۇ باشقا يەردە بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن تازا يىغلاي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ھارىسەنىڭ ئانىسى! جەننەتلەرنىڭ دەرىجىلىرىمۇ ھەر خىل، ھەقىقەتەن سېنىڭ بالاڭ جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىسى بولغان پىردەۋىس جەننىتىدە!» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ھارىسە ئىبنى سۇراقە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەدىر ئۇرۇشىدا كېلىش مەنبىيى ئېنىق بولمىغان ئوق بىلەن شېھىت قىلىنغان ئىدى، ئۇنىڭ ئانىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئوغلىنىڭ شېھىتلەردىن بولماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سورايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئوغلى ئۇرۇش مەرىكىسىگە ھازىر بولماستىن مەقسەتسىز ئېتىلغان بىر ئوقتا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، بۇ ۋەقەلىك ھەدىستىمۇ ئوچۇق بايان قىلىنغان: ھارىسە بەدىر كۈنىدە كىمنىڭ ئاتقانلىقى ۋە قايسى تەرەپتىن ئېتىلغانلىقى ئېنىق بولمىغان بىر ئوق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائىنىڭ رىۋايىتىدە، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ھارىسە ئېگىز جايغا چېقىپ دۈشمەن ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتقاندا ئۇنىڭغا غايىپ ئوق تېگىپ ئۆلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئانىسى مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئۇ جەننەتتە بولۇپ قالسا، ئۇنى يوقىتىپ قويغانغا سەبىر قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھدىن ئەجىر-ساۋاپ تىلەيمەن، ئۇنىڭ ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈپ شېھىتلىك بىلەن ئۇتۇق قازانغانلىقىدىن خۇرسەن بولىمەن. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنى باشقا جايدا بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ يىغلايمەن، چۈنكى مەن ئۇنى زىيان تارتتىم ۋە ئۇمۇ ھاياتىنى پايدىسىز زىيانغا ئۇچراتتى». پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئى ئۇممۇ ھارىسە! جەننەتلەرنىڭ دەرىجىلىرى تۈرلۈك بولىدۇ، بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە ئوچۇق بايان قىلىنىپ: سەن جەننەتنى بىر جەننەت دەپ ئويلامسەن؟ جەننەتلەر كۆپ، ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئالىسى بولغان پىردەۋس جەننەتتە»دەيدۇ. پىردەۋس دېگەن جەننەتلەردىن بولغان خاس بىر جەننەت مەقسەت قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىسى ۋە ئەۋزىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «سىلەر ئاللاھدىن جەننەت سورىساڭلار پىردەۋس جەننىتىنى سوراڭلار، چۈنكى ئۇ جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە ئالىسى، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئەرشى بار، ئۇنىڭدىن باشقا جەننەتلەرگە ئۆستەڭلار ئېقىپ چىقىدۇ» دېگەن. جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسى دېگەنلىك: جەننەتلەرنىڭ ياخشىسى، ئەۋزىلى ۋە كەڭرىسى دېمەكتۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ