عن أبي سعيد الخدري رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «إذا أصْبَح ابن آدَم، فإن الأعضاء كلَّها تَكْفُرُ اللِّسان، تقول: اتَّقِ الله فِينَا، فإنَّما نحن بِك؛ فإن اسْتَقَمْتَ اسْتَقَمْنَا، وإن اعْوَجَجْت اعْوَجَجْنَا».
[صحيح] - [رواه الترمذي]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسى تاڭ ئاتقۇزغاندا بارلىق ئەزالىرى تىلغا يېلىنىپ دەيدۇ: ئى تىل! بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز ھەقىقەتەن سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن جازالىنىمىز، ئەگەر سەن دۇرۇس بولساڭ، بىزمۇ دۇرۇس بولىمىز، ئەگەر سەن ئەگرى بولساڭ بىزمۇ ئەگرى بولىمىز»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرى تىلغا يالۋۇرىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ، ئۇ ئەزالار تىلغا ئەگىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاڭ ئاتقۇزغاندا تىلغا: بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز سېنىڭ يېنىڭدا دەيدۇ، تىل ئىگىسىگە نىسبەتەن خەتىرى ئەڭ قاتتىق ئەزا ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر تىل رۇس بولسا، قالغان ئەزالارمۇ رۇس بولىدۇ، ئەمەللىرى توغرا بولىدۇ، ئەگەر تىل قىڭغىر بولسا، قالغان ئەزالارمۇ قىڭغىر بولىدۇ، ئەمەللىرى بۇزۇلىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بەندىنىڭ قەلبى رۇس بولمىغىچە ئىمانى رۇس بولمايدۇ، تىلى رۇس بولمىغىچە قەلبى رۇس بولمايدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. تىلنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسلەر ناھايتى كۆپ، تىل ئىگىسىنىڭ بەختى ئۈچۈن ياكى بەختسىزلىكى ئۈچۈن سەۋەب بولىدۇ، ئەگەر تىلنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇندۇرسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەت بولىدۇ، ئەگەر تىلىنى ئاللاھ رازى بولمايدىغان ئىشلارغا قويۇۋەتسە، ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە ھەسىرەت بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ