عن نافع: أنَّ عمرَ بنَ الخطابِ رضي الله عنه كانَ فرضَ للمهاجرينَ الأولينَ أربعةَ الآفٍ، وفَرَضَ لابنِه ثلاثةَ آلافٍ وخمسمئةٍ، فقيل له: هو من المهاجرينَ فَلِمَ نَقَصْتَهُ؟ فقالَ: إنما هَاجَرَ به أبوه. يقولُ: ليسَ هو كمن هَاجَرَ بنفسِهِ.
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...
ناپىئنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەقسىماتتا دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا كىشى بېشىغا تۆت مىڭ دەرھەمدىن ئوغلىغا ئۈچ يېرىم مىڭ دەرھەمدىن بېرىشنى بىكىتتى، ئۇنىڭغا: ئوغلۇڭمۇ مۇھاجىرلاردىنغۇ؟ ئۇنىڭ نېمىشقا ئاز بولۇپ قالدى؟دېيىلگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: باشقىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھىجرەت قىلغان، ئۇنى بولسا ئاتىسى ھىجرەت قىلدۇرغان، ئابدۇللاھ ئۆزى ھىجرەت قىلغان كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا تۆتمىڭ دەرھەمدىن بەردى، ئۇنىڭ ئوغلى مۇھاجىرلاردىن بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭغا ئۈچ مىڭ بەشيۇز دەرھەم بەردى، چۈنكى ئۇ بالاغەتكە يەتمىگەن ۋاختىدا دادىسى بىلەن بىرگە ھىجرەت قىلغان ئىدى، ئۇنى بالاغەتكە يەتكەن مۇھاجىرلارنىڭ قاتارىغا قېتىشنى خالىمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان نەپىقىنى ئۆزى ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا بېرىدىغان نەپىقىدىن كەمەيتىۋەتتى، دۇنيادا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كېيىن ئۈممەتنىڭ مېلىغا كۆيۈنۈشتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش تەقۋادار بىر رەھبەر كۆرۈلمىدى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇلار تۇغقانلىرىنىڭ يېقىنلىقى، بايلارنىڭ بايلىقى ۋە نامراتلارنىڭ نامراتلىقىدىن ئەيمىنىپ قالمىسۇن، بەلكى ھەر بىر كىشىنى ئۆز ئورنىغا چۈشۈرۈپ مۇئامىلە قىلسۇن مانا بۇ تەقۋالىق ۋە ئادىللىقدۇر