عن سعد بن أبي وقاص رضي الله عنه قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول:
«إِنَّ اللهَ يُحِبُّ الْعَبْدَ التَّقِيَّ الْغَنِيَّ الْخَفِيَّ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

سەئد بىن ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەقۋادار، قانائەتچان، كەمتەر بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بەزى بەندىلىرىنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.
ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنىدىغان ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولىدىغان تەقۋادار كىشى.
ئېھتىياجىنى ئاللاھنىڭ غەيرىدىن تىلىمەيدىغان، كىشىلەردىن بىھاجەت قانائەتچان بەندىسىنى ياقتۇرىدۇ.
كەمتەر، رەببىگە ئىبادەت قىلىدىغان، پايدىلىق ئىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تونۇشى ياكى ماختاپ -ئالقىشلىشىنى ئىستىمەيدىغان كىشىنى ياقتۇرىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىستە: تەقۋادارلىق، كەمتەرلىك ۋە ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغىنىغا رازى بولىدىغان قانائەتچانلىقتىن ئىبارەت بەندە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ياقتۇرىشىنى تەقەززا قىلىدىغان بەزى سۈپەتلەر بايان قىلىنغان.
تېخىمۇ كۆپ