عن عائشة رضي الله عنها مرفوعاً: أن النبيَّ صلى الله عليه وسلم كَانَ يَعُودُ بَعْضَ أهْلِهِ يَمْسَحُ بِيدِهِ اليُمْنَى، ويقول: «اللَّهُمَّ رَبَّ النَّاسِ، أذْهِب البَأسَ، اشْفِ أنْتَ الشَّافِي لاَ شِفَاءَ إِلاَّ شِفاؤكَ، شِفَاءً لاَ يُغَادِرُ سَقماً».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كېسىلىنى يوقلىغاندا ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ: «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، قىيىنچىلىقنى يوقاتقىن، شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن، سېنىڭ شىپالىقىڭدىن باشقا شىپالىق يوق، كېسەلنى قويمايدىغان شىپالىقىڭنى (تىلەيمەن)» دېگەن دۇئانى قىلاتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاغرىپ قالغان ئاياللىرىنى يوقلىغاندا كېسەلنى ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ بۇ دۇئانى قىلاتتى: «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى»، ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىنى تىلغا ئېلىپ يىلىناتتى، ئۇ ياراتقۇچى، ئىگە بولغۇچى، بارلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر. «قىيىنچىلىقنى يوقاتقىن»، قىيىنچىلىق بېمارغا چۈشكەن كېسەل. شىپا بېرىش: كېسەلنى ئۇنىڭدىن يوق قىلىش ۋە ساقايتىش. شىپالىق بەرگۈچى: ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنىڭ بىرى، چۈنكى ئۇ كېسەللەرگە شىپالىق بېرىدۇ. «سېنىڭ شىپالىقىڭدىن باشقا شىپالىق يوق»، يەنى: ھەقىقى شىپالىق ئاللاھ تائالانىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا شىپالىق يوق، مەخلۇقنىڭ قىلغىنى پەقەت سەۋەپ، شىپالىق بەرگۈچى بولسا ئاللاھ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن كېسەل قويمايدىغان تولۇق شىپالىق بولىشىنى تىلىگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە تامىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ