عن أبي رِفَاعَةَ تَمِيم بن أُسَيدٍ رضي الله عنه قَالَ: انتهيتُ إلى رسولِ اللهِ صلى الله عليه وسلم وهو يَخطبُ، فَقُلتُ: يَا رسولَ اللهِ، رَجُلٌ غَريبٌ جاءَ يَسألُ عن دِينِهِ لا يَدرِي مَا دِينُهُ؟ فَأَقْبلَ عليَّ رسولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم وتَرَكَ خُطبتَهُ حتى انتَهى إليَّ، فأُتِيَ بكُرسِيٍّ، فَقَعَدَ عليه، وجَعَلَ يُعَلِّمُنِي ممّا عَلَّمَهُ اللهُ، ثم أتى خُطبتَهُ فَأَتَمَّ آخِرَهَا.
[صحيح] - [رواه مسلم بزيادة: بكرسي حسبت قوائمه حديداً]
المزيــد ...

ئەبۇ رىپائە تەمىم ئىبنى ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا بارسام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋەز سۆزلەۋېتىپتىكەن، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىر غىرىپ ئادەم ئۆز دىنى ھەققىدە سورىغىلى كەلدى، ئۇ ئۆز دىنى ھەققىدە ھېچ نېمە بىلمەيدۇ، دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋەزدىن توختاپ ماڭا يۈزلىنىپ ماڭا يۈزلىنىپ ئالدىمغا كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن بىر ئورۇندۇق كەلتۈرۈلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدا ئولتۇرۇپ ئاللاھ تائالا ئۇ زاتقا ئۈگەتكەن نەرسىلەرنى ماڭا ئۈگەتكىلى تۇردى، ئاندىن ۋەز ئېيتقان جايغا قايتىپ بېرىپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناھايتى كەمتەر بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە ۋەز ئېيتىپ، خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا، بىر غىرىپ ئادەم كىلىپ ئۆزىنىڭ دىنى توغرىسىدا سوئال سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبىنى كەلگەن يېرىدە توختۇتۇپ قويۇپ، ئۇ كىشىگە يۈزلىنىپ ئۇنىڭ يىنىغا كېلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئورۇندۇق كەلتۈرىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە دىننى ئۈگۈتىدۇ، چۈنكى بۇ كىشى ئىلىمگە ئېشتىياق باغلاپ، دىنىنى ئۈگۈنۈپ ئەمەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ كەلگەن بولغاچقا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزلەۋاتقان خۇتبىنى توختىتىپ ئۇ كىشىگە دىننى ئۈگەتتى، ئاندىن خۇتبىنى داۋاملاشتۇردى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ