عن أنس رضي الله عنه قال: جاء ناس إلى النبي صلى الله عليه وسلم أن ابعث معنا رجالاً يعلمونا القرآن والسنة، فبعث إليهم سبعين رجلا ًمن الأنصار يقال لهم: القراء، فيهم خالي حَرامٌ، يقرؤون القرآن، ويتدارسون بالليل يتعلمون، وكانوا بالنهار يَجِيئُون بالماء، فيضعونه في المسجد، ويحتطبون فيبيعونه، ويشترون به الطعام لأهل الصُّفَّةِ، وللفقراء، فبعثهم النبي صلى الله عليه وسلم فَعَرَضُوا لهم فقتلوهم قبل أن يبلغوا المكان، فقالوا: اللهم بلَغِّ ْعَنَّا نبينا أنا قد لَقِينَاك فرضينا عنك ورَضِيتَ عَنَّا، وأتى رجلٌ حَرَاماً خال أنس من خلفه، فطعنه برُمْحٍ حتى أَنْفَذَهُ، فقال حَرَامٌ: فُزْتُ ورَبِّ الكعبة، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «إن إخوانكم قد قُتِلُوا وإنهم قالوا: اللهم بلغ عنا نبينا أنا قد لقيناك فرضينا عنك ورضيت عنا».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: بىزگە قۇرئان-ھەدىسنى ئۈگۈتۈپ قويىدىغان ئادەملىرىڭدىن بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتسەڭ دەپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قارىلار دەپ ئاتالغان ئەنسارىلاردىن يەتمىش كىشىنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھارام ئىسىملىك تاغاممۇ بار ئىدى.ئۇلار كېچىسى قۇرئان ئوقۇيتتى ۋە ئۈگىنەتتى، كۈندۈزى مەسچىتلەرگە سۇ توشۇيتتى، ئوتۇن ئېلىپ كېلىپ سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا ئاجىز يېتىملار ئۈچۈن تائام سېتىۋالاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قارىلارنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشىلەر ئۇلارنى كۆزلىگەن يەرگە يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۆلتۈرۈۋەتتى، (ئۇلارنى ئۆلتۈرگەنلەر، ئۇلارنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن كىشىلەردىن باشقا مۇشرىكلار دېگەن رىۋايەتلەرمۇ بار) ئۇلار: ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىزگە بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇچراشقانلىقىمىز، بىزنىڭ سەندىن، سېنىڭ بىزدىن رازى بولۇشقانلىقىمىزنى يەتكۈزۈپ قويساڭ دەپ دۇئا قىلدى. بىر كىشى تاغام ھارامنىڭ كەينىدىن كېلىپ ئۇنىڭغا نەيزە تىقىپ نەيزىنى ئۇ تەرىپىگە ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ، ھارام: كەبىنىڭ پەرۋەدىگارى بىلەن قەسەم قىلىمەن! شېھىتلەر دەرىجىسىگە يېتىش بىلەن غەلبە قازاندىم دەپتۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قېرىنداشلىرىڭلار ئۆلتۈرۈلدى، ئۇلار: ئى ئاللاھ! بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇچراشقانلىقىمىزنى، بىزنىڭ سەندىن، سېنىڭ بىزدىن رازى بولغانلىقىڭنى يەتكۈزۈپ قويساڭ، دەپ تىلىدى»دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: بەزى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ئەلچىلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدى، ساھابىلار ئۇلارنى مۇسۇلمان بولدى دەپ ئويلاپ قالدى، ئەلچىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرىگە قۇرئان ئۈگىتىدىغان كىشىلەرنى بىرگە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلار بىلەن قارىلار دەپ ئاتىلىدىغان، قۇرئان كەرىم بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن ھەممە ئىشتىن چەكلەنگەن يەتمىش كىشىنى بىرگە ئەۋەتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇلار كۈندۈزلىرى مەسچىتكە سۇ ئەكىلەتتى، ئوتۇن تېرىپ كېلىپ سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا يىمەكلىك سېتىۋېلىپ، سۇپپىدىكى كەمبەغەللەرگە ۋە پىقىرلارغا بېرەتتى، ئۇنىڭ مەنىسى: ئۇلار كۈندۈز ۋاقىتلىرىدا مەسچىتكە تەرەت ئالىدىغانلار ۋە ئىچىدىغانلار ئۈچۈن سۇ ئەكىلەتتى، ئوتۇن تېرىپ كېلىپ سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا يېمەك سېتىۋېلىپ پىقىرلارغا سەدىقە قىلاتتى، سۈپپە ئەھلىگىمۇ بېرەتتى، سۈپپە ئەھلى دېگەن: ھەر تەرەپتىن كېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىگە ئورۇنلاشقان كەمبەغەللەر بولۇپ، ئۇلار مەسچىتنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈستى يېپىقلىق سۇپىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ كېچىلىرى شۇ يەردە ياتاتتى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرەبنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن قارىلارنى بىرگە ئەۋەتتى، ئۇلار كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ بېرىشتىن ئىلگىرى بىئرى مەئۇنە دېگەن جايغا چۈشتى، ئۇ ئەبۇ بەرا ئىبنى مۇلائىب ئەل ئەسىننە دېگەن كىشىنىڭ تۇرىدىغان جايى ئىدى، ئۇلار ئامىر ئىبنى تۈپەيلى مەقسەت قىلىپ كەلدى، ئۇنىڭ بىلەن بىر بۆلەك ئەرلەر بار ئىدى، ئۇلار باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋېتىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھ! بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇچراشقىنىمىزنى، سېنىڭ بىزدىن ۋە بىزنىڭ سەندىن رازى بولغانلىقىمىزنى يەتكۈزگىن دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە:بىزدىن بىزنىڭ قەۋمىمىزگە سالام يەتكۈزۈپ قويۇڭلار، بىز پەرۋەردىگارىمىز بىلەن ئۇچراشتۇق، پەرۋەردىگارىمىز بىزدىن رازى بولدى، بىزمۇ پەرۋەردىگارىمىزدىن رازى بولدۇق دېدى. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە بايان قىلىنغاندەك، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ھەقىقەتەن ئۇلار پەرۋەردىگارى بىلەن ئۇچراشتى، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھدىن رازى بولدى دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «قېرىنداشلىرىڭلار ئۆلتۈرۈلدى، ئۇلار: ئى ئاللاھ!بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇچراشقانلىقىمىزنى، بىزنىڭ سەندىن، سېنىڭ بىزدىن رازى بولغانلىقىڭنى يەتكۈزۈپ قويساڭ، دەپ تىلىدى»دېدى، يەنى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىتائەتمەنلىكىدىن رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان ئىكرامى ۋە ياخشىلىقلىرىدىن مەمنۇن بولدى، ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بولغان رازىلىق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق، ئېھسان ۋە چەكسىز رەھمەت قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ