عن أبي هريرة رضي الله عنه أنَّه كان يَحمِل مع النبي صلى الله عليه وسلم إدَاوَة لوَضوئِه وحاجَتِه، فَبَيْنَما هو يتْبَعُه بها، فقال: «مَنْ هذا؟» فقال: أنا أبو هريرة، فقال: «ابْغِني أحجارًا أسْتَنْفِض بها، ولا تأتِني بعَظْم ولا بِرَوْثَة». فأتيتُه بأحجار أحْمِلها في طرَف ثوبي، حتى وضعتُها إلى جَنْبه، ثم انصرفتُ حتى إذا فَرَغ مشيْتُ، فقلتُ: ما بالُ العَظْم والرَّوْثَة؟ قال: «هما مِنْ طعام الجِنِّ، وإنه أتاني وَفْدُ جِنِّ نَصِيبين، ونِعْمَ الجن، فسألوني الزَّادَ، فدَعَوْتُ اللهَ لهم أن لا يَمُرُّوا بعَظْم ولا برَوْثة إلَّا وجدوا عليها طعامًا».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرەت ئېلىشى ۋە تازىلىقى ئۈچۈن بىر كىچىك تېرە قاچىدا سۇ كۆتۈرۈپ بىللە باراتتى، بىر كۈنى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ماڭغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىم بۇ؟» دېدى، مەن: «مەن ئەبۇ ھۈرەيرە» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ماڭا تازىلىق ئۈچۈن تاش ئىزدىگىن، سۆڭەك ۋە تېزەك ئەكەلمىگىن» دېدى، مەن كىيىمىمنىڭ پېشىگە تاش ئىلىپ كىلىپ، ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىدا قويۇپ قايىتتىم، رەسۇلۇللا ئىشىنى تۈگەتكەندە ماڭغاچ: «تېزەك بىلەن سۆڭەكتە نېمە ئۈچۈن بولمايدۇ؟» دەپ سورىدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئىككىسى جىنلارنىڭ يىمەكلىكى، نەسىيبىن شەھىرىدىكى جىنلارنىڭ ئەلچىلىرى مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن، ئۇلار نېمە دېگەن ياخشى جىنلار!، ئۇلار مەندىن ئوزۇقلۇق تەلەپ قىلدى، مەن ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھدىن: ئۇلار بىرەر سۆڭەك ۋە تېزەك تاپسا شۇنى يىمەكلىك قېلىپ بېرىشىنى سورىدىم» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تازىلىق قىلىشى ۋە تەرەت ئېلىشى ئۈچۈن تىرە قاچىدا سۇ كۆتۈرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە باراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىستىنجا قىلىش ئۈچۈن تاش تېرىپ كېلىشكە، سۆڭەك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تېزەكلىرىنى ئەكەلمەسلىككە بۇيرىدى، ئەبۇ ھۇرەيرە كىيىمىنىڭ پېشىگە تاش تېرىپ ئېلىپ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا قويۇپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ قايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەبۇ ھۇرەيرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: سۆڭەك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تېزەكلىرىدە تازىلىق قىلماسلىقنىڭ سەۋەبىنى سورىدى؟، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: بۇ ئىككىسى جىنلارنىڭ يېمەكلىكى ئىكەنلىكىنى، ئىراق بىلەن شام ئارىسىدىكى نەسىيبىين شەھىرىدىكى جىنلارنىڭ ئەلچىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلگەنلىكىنى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يىمەكلىك سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھدىن: ئۇلار بىرەر سۆڭەك ۋە تېزەك تاپسا شۇنى يىمەكلىك قىلىپ بېرىشىنى سورىغانلىقىنى ئۇ جىنلارنى ماختاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەن. سەھىھ مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇتلەق سۆڭەك دېمەستىن: «ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قېلىنغان ھەر قانداق سۆڭەك سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا يەتسە، ئۇ گۆشى بار ۋاقتىدىكىدىنمۇ گۆشلۈك بولىدۇ، ھەر قانداق تېزەك ئۇلاغلىرىڭلارنىڭ يېمەكلىكى بولىدۇ» دەپ بايان قىلىنغان

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ