عن جابر بن سمرة رضي الله عنه أن رجلا سأل رسول الله صلى الله عليه وسلم أَأَتَوضأ من لحوم الغنم؟ قال: «إن شِئْتَ فتوضأْ، وإن شِئْتَ فلا تَوَضَّأْ» قال أتوضأ من لحوم الإبل؟ قال: «نعم فتوضَّأْ من لحوم الإبِل» قال: أُصَلي في مَرَابِضِ الغَنم؟ قال: «نعم» قال: أُصلي في مَبَارِكِ الإبِل؟ قال: «لا».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشچە، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: قوي گۆشى يېگەنلىكتىن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟، دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خالىساڭ تاھارەت ئالغىن، خالىساڭ تاھارەت ئالمىغىن» دېدى، ئۇ كىشى: تۆگە گۆشى يېگەنلىكتىن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، تۆگە گۆشى يېگەنلىكتىن تاھارەت ئالغىن» دېدى، ئۇ كىشى: قوي قوتىنىدا ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: تۆگە قوتىنىدا ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟- دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى:قوي گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن تەرەت ئالىمەنمۇ؟ بۇ بىر ساھابىنىڭ: قوي گۆشى توغرىسىدا، ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا قوي گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن تەرەت ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟ياكى تەرەت ئېلىش شەرت ئەمەسمۇ؟دەپ سورىغان سوئالى بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «خالىساڭ تەرەت ئالغىن، خالىساڭ تەرەت ئالمىغىن»دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشى تەرەت ئىلىش بىلەن ئالماسلىق ئارىسىدىكى ئىختىيارلىقنى بەردى، ھەر ئىككىسى دۇرۇس بولىدۇ، ئۇ كىشى: تۆگە گۆشى يىگەنلىكتىن تەرەت ئالىمەنمۇ؟يەنى، تۆگە گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا تەرەت ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟ ياكى تەرەت ئېلىش شەرت ئەمەسمۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ھەئە تۆگە گۆشى يىگەنلىكتىن تەرەت ئالغىن»دېدى،يەنى گەرچە ئازراق يېسەڭمۇ تۆگە گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن تەرەت ئېلىشىڭ كېرەك بولىدۇ، ئەمما تۆگىنىڭ سۈتىنى ۋە شورپىسىنى ئېچسە تەرەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇرەنىييىنلىق كىشىلەرنى تۆگە سۈتى ئېچكەندە تەرەت ئېلىشقا بۇيرىمىدى، ئۇلارنى پەقەت ئېچىشكە بۇيرىدى، چۈنكى ھاجەت بولغاندا ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بېرىشنى كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ.ئۇ كىشى: قوي قوتىنىدا ۋە قويلار ئارام ئالىدىغان جايلاردا ناماز ئوقۇيمەنمۇ؟دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ھەئە»قويدىن ئەنسىرەش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئورۇنلاردا ناماز ئوقۇسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ دېدى، ئۇ كىشى: تۆگە قوتىنىدا ۋە تۆگىلەر ئارام ئالىدىغان جايلاردا ناماز ئوقۇيمەنمۇ؟دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ياق»دېدى، يەنى ئۇنداق جايلاردا ناماز ئوقۇماڭ، چۈنكى ئۇ جايدا تۆگىنىڭ ئۈركىشىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنى دەسسىۋىتىش ياكى باشقا ئەزىيەتلەر يېتىپ قېلىشى مۇمكىن دېدى، بۇنىڭدىن قويدا يۇۋاشلىق بولغانلىقى، قوينىڭ ئۈركىمەيدىغان ۋە باشقىلار ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغانلىقى ئۈچۈن قوي قوتىنىدا ناماز ئوقۇسا خاتىرجەم بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ، سۇبۇلۇس سالام1-توم 99-بەت، پەتھى زىل جەلالى ۋەل ئىكرام 1-توم 264-بەت، تەۋزىيھۇل ئەھكام 304-305-بەت، تەسھىيلىل ئىلمام 1-توم 192-195-بەتلەر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ