عن عبد الله بن أبي بكر بن حزم، أن في الكتاب الذي كتبه رسول الله صلى الله عليه وسلم لعَمْرو بن حَزْم: «أن لا يَمَسَّ القرآن إلا طَاهر».
[صحيح] - [رواه مالك والدارمي]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ بەكرى ئىبنى ھەزمىدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرۇ ئىبنى ھەزمىگە يېزىپ بەرگەن خىتىدە: «ئۇنى يەنى قۇرئان كەرىمنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ»دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مالىك"مۇئەتتا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمرۇ ئىبنى ھەزمىگە يېزىپ بەرگەن خېتىدە يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمرۇ ئىبنى ھەزمىنى نەجرانغا قازى قىلغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا مىراس، سەدىقە ۋە دىيەت قاتارلىق نۇرغۇن شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزۇن پىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ بەردى، بۇ ئۈممەت سەھىھ دەپ قوبۇل قىلغان مەشھۇر مەكتۇپتىن ئىبارەت بولۇپ، «قۇرئان كەرىمنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ» دېگەن، بۇ يەردە قول بىلەن بىۋاستە تۇتۇش مەقسەت قىلىنىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن، ئەگەر بىرەر كىشى ئۇنى ئۆزىدىن ئايرىم بولغان لۆڭگە، سومكىدا كۆتۈرسە ياكى ئۇنىڭ بەتلىرىنى خەت كۆرسەتكۈچ قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئاچسا بۇنىڭ بىلەن بىۋاستە تۇتۇش ھاسىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن چەكلىمە دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، بۇ يەردىكى قۇرئاندىن مەقسەت، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى يېزىلغان تاختاي، قەغەز ۋە تېرە پارچىلىرى قاتارلىق نەرسىلەر مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ يەردە سۆز مەقسەت قىلىنمايدۇ، چۈنكى سۆز دېگەننى سىلاپ تۇتقىلى بولمايدۇ، بەلكى ئاڭلايدۇ، پاك بولغانلار تۇتسۇن دېگەن سۆز تۆت تۈرلۈك ئىشنىڭ ئارىسىدا ئورتاق بولىدۇ: بىرىنچى:پاك بولغانلاردىن مۇسۇلمانلار مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن مۇشرىكلار نىجىستۇر» ، ئىككىنچى: نىجاسەتتىن پاك بولغانلار مەقسەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۈشۈك توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇ نىجىس ئەمەس». ئۈچىنچى: جۇنابەتتىن پاك بولغانلار مەقسەت قىلىنىدۇ، تۆتىنچى: پاك بولغانلاردىن تاھارەت ئالغۇچى مەقسەت قىلىنىدۇ، مۇشۇ مەنىلەرنىڭ ھەممىسى شەرىئەتتە پاكىزلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىدۇ، ھەدىستىن بولغان مەقسەتكىمۇ ئېھتىماللىقى بولىدۇ، بىزدە بۇ تۆت تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرىنى يەنە بىرىگە كۈچلاندۇرىدىغان يېتەرلىك دەلىل يوق، ئەڭ ياخشىسى ئۇ سۆزنى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئورۇنغا ئىشلەتسەك بولىدۇ، يەنى تاھارىتى بولمىغان كىشى تۇتمىسۇن دېگەن سۆز ئىشەنچىلىك، شۇنداقلا كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىغىمۇ مۇۋاپىق، تۆت مەزھەب ئىماملىرىمۇ مۇشۇ قاراشنى كۈچلاندۇرىدۇ، بۇ ئېھتىياتى قاراشتۇر ۋە ئەڭ ئەۋزەلدۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ