عن عائشة رضي الله عنها قالت:
كَانَ النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَذْكُرُ اللهَ عَلَى كُلِّ أَحْيَانِهِ.

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 373]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:
«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق ھالەتتە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلاتتى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 373]

شەرھىسى

مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشقا بەك ھېرىس ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقانداق ئورۇن، ۋاقىت ۋە ھالەتتە ئاللاھنى زىكىر قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش ئۈچۈن چوڭ-كېچىك تاھارەتسىزلىكتىن پاك بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ،
  2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرۋاقىت ئاللاھنىڭ زىكرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
  3. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلىكتىن ھەرقانداق ھالەتتە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشقا قىزىقتۇرۇش، لېكىن ھاجەت ئادا قىلىۋاتقان بەزى بىر ھالەتتە ئاللاھنى زىكىر قىلىش چەكلىنىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (62)