عن عروة قال: دخلت على مروان بن الحكم فذَكَرْنا ما يكون منه الوضوء، فقال مروان: ومن مَسِّ الذَّكَر؟ فقال عروة: ما علمت ذلك، فقال مروان: أخبرتني بُسْرَة بنت صفوان، أنها سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «مَنْ مَسَّ ذَكَرَه فليتوضأ».
[صحيح] - [رواه أبو داود والنسائي وابن ماجه]
المزيــد ...

ئۇرۋە مۇنداق دەيدۇ: مەن مەرۋان ئىبنى ھەكەمنىڭ قېشىغا كىردىم ۋە كىشىلەر بىلەن تەرەت ئىلىش كېرەك بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشتۇق. مەرۋان: ئەۋرىتىنى تۇتقان كىشىمۇ تەرەت ئالامدۇ؟ دېدى، ئۇرۋە: مەن ئۇنى بىلمىدىم دېدى. مەرۋان: ماڭا بۇسرە بىنتى سەپۋان ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «ئەۋرىتىنى تۇتقان كىشى تاھارەت ئالىدۇ» دېگەن ھەدىسنى ئاڭلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، دەيدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئۇرۋە ئۆزىنىڭ مەرۋان ئىبنى ھەكەم مەدىنىگە ئەمىر بولغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ قىشىغا كىرگەنلىكىنى ۋە ئۇ يەردە تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى، مەرۋاننىڭ: ئەۋرەتنى تۇتسا تەرەت سۇنىدۇ دېگەنلىكىنى، ئۇرۋىنىڭ: مەن بۇنىڭ دەلىلىنى بىلمەيمەن، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان بىرەر ھەدىسنى بىلمەيمەن دېگەندە، مەرۋاننىڭ ماڭا بۇسرە بىنتى سەپۋان ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «ئەۋرىتىنى تۇتقان كىشى تاھارەت ئالىدۇ» دېگەن ھەدىسنى ئاڭلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى دەپ خەۋەر بېرىدۇ. تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە: «تاھارەت ئالمىغۇچە ناماز ئوقۇمىسۇن» دېيىلگەن، بۇ ھەدىس: ئەۋرەتنى شەھۋەت بىلەن تۇتسۇن ياكى شەھۋەتسىز سىلىسۇن، بىرەر مەقسەت بىلەن سىلىسۇن ياكى مەقسەتسىز تۇتسۇن تاھارەتنىڭ سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭ شەرتى بىۋاستە سىلىغان ياكى تۇتقان بولىشى كېرەك. يەنى كىيىمنىڭ ئىچىدىن سىلىغان بولىشى كېرەك، ئەگەر كىيىمنىڭ سىرتىدىن سىلىغان ياكى تۇتقان بولسا، بۇنىڭ ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا ھەقىقى سىلاش بولمايدۇ، ھەقىقى سىلاش دېگەن: بىر ئەزانىڭ يەنە بىر ئەزاغا بىۋاستە تېگىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇنى نەسائى ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر ئىپادىلەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار قولىنى بىۋاستە ئەۋرىتىگە ئىلىپ بارسا، ئارىسىدا ھېچقانداق توساق بولمىسا، ئۇ كىشى تاھارەت ئىلىشى كېرەك» سۇبۇلۇس سالام 1-توم 97-بەت، پەتھى زىلجەلالى ۋەلئىكرام 1-توم 260-261-بەت، تەۋزىھىل ئەھكام 1-توم 298-بەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ