عن أنس بن مالك رضي الله عنه قال: كان أصحاب رسول الله صلى الله عليه وسلم على عَهدِه ينتظرون العشاء حتى تَخْفِقَ رُءُوسُهُمْ، ثم يصلُّون ولا يَتَوَضَّئُونَ.
[صحيح] - [رواه مسلم وأبو داود واللفظ له]
المزيــد ...
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ساھابىلەر خۇپتەن نامىزىنى كۈتۈپ مۈگدەپ باشلىرى چۈشۈپ كېتەتتى، ئاندىن تەرەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ساھابىلەر خۇپتەن نامىزىنى كۈتۈپ مۈگدەپ قالاتتى، ئاندىن ئاندىن تەرەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتى، شۇ دەۋرىدە بىر ئىش قىلىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەپ قىلمىغان بولسا بۇ «ئېتىراپ قىلىش» دەپ قارىلىدۇ، « ئېتىراپ قىلىش: سۆز، ھەرىكەت، ۋە ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت سۈننەت يوللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇ دەۋرىدە قىلىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىنكار قىلمىغان ئىشلار ئېتىراپ سۈننىتى قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ نامىزى ياكى قىلغان ئىشى توغرا بولمىغان بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىشىنى بىلىپ ياكى ۋەھيى ئارقىلىق خەۋەر تېپىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇراتتى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ئىشلار بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. «باشلىرى چۈشۈپ كېتەتتى» يەنى: مۈگىدەپ باشلىرى ساڭگىلاپ كېتەتتى، يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەتتا بەزىلىرىنىڭ خورەكلىرىنى ئاڭلايتتىم»، يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇلار بىقىنلىرىنى قوياتتى»، ئاندىن ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ، تەرەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتى، يەنى ئۇلار تەرىتىنى يېڭىلىماستىن نامازغا تۇراتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى قاتتىق ئۇيقۇ ئەمەستى، مۈگدەش تەھارەتنى بۇزىدىغان بولسا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا رۇخسەت قىلمىغان بولاتتى. بىز بۇ توغرىدىكى دەلىللەرنى جەملەپ: رەسۇلۇللاھ «چوڭ-كىچىك تەرەت ۋە ئۇيقۇدىن» دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «كۆز كاسىنىڭ بوغۇچى، ئۇخلىغان كىشى تەرەت ئالسۇن»، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «كۆز كاسىنىڭ بوغۇچى، كۆز يۇمۇلسا بوغۇچ يېشىلىدۇ» دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيقۇنىڭ چوڭ-كىچىك تەرەتكە ئوخشاش تاھارەتنى بۇزىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى، بۇ دەلىللەر ئۇيقۇنىڭ تەرەتنى بۇزىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، بۇ باپتا بايان قىلىنغان ھەدىس ۋە رىۋايەتلەر ئۇيقۇنىڭ تەرەتنى بۇزمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن: بۇ باپتىكى ھەدىسنى ۋە «خورەك تارتىش» ۋە «يانپاشلاپ يېتىش» دېگەن ھەدىسلەرنى: ئۇيقۇسى بەك قاتتىق بولمىغان، خورەك تارتىشنىڭ ئاڭلىنىشى قاتتىق ئۇيقۇغا پېتىشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇنىڭ باشلىرىدا بولغان، يانپىشىنى يەرگە قويۇشىدىن قاتتىق ئۇخلىغانلىقى چىقمايدۇ دەپ چۈشىنىلىدۇ ، مۇشۇنىڭ بىلەن دەلىللەر بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەممىسى بىلەن ئەمەل قىلىنىدۇ، مۇمكىن بولسلا دەلىللەرنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈش بەزىسىنى بىكار قىلىۋەتكەندىن ياخشىدۇر. خۇلاسە: ئىنسان تۇيغۇلىرىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قاتتىق ئۇخلىغان بولسا تاھارەت ئېلىشى كېرەك، قاتتىق ئۇخلىمىغان بولسا تەرەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ، ئەمما ئىبادەتتە ئىھتىياتنى تۇتۇش ئۈچۈن تەرەت ئېلىۋەتكەن ياخشىدۇر، ئەگەر قاتتىق ئۇخلىغان ياكى ئۇخلىمىغانلىقىدا شەكلىنىپ قالسا تەرىتى بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى ئەسلى تاھارىتى بار بولغاچقا ئۇ شەك بىلەن يوقالمايدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يەل چېقىپ كەتتىمۇ ياكى كەتمىدىمۇ؟ دەپ شەكلىنىپ قالغان ئۇيقۇ بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى تاھارەت ئىشەنچ بىلەن بېكىتىلگەنلىكى ئۈچۈن شەك بىلەن بۇزۇلمايدۇ، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالار مەجمۇئەسى 21-توم 394-بەت. سۇبۇلۇس سالام1-توم 88-89-بەت، پەتھى زىل جەلالى ۋەل ئىكرام1-توم 381-بەت، تەۋزىھىل ئەھكام2-توم 82-ۋە 83-بەت، تەسھىلىل ئىلمام 1-توم 170-171-بەت