عن ابن عباس رضي الله عنهما مرفوعاً: «عَيْنَانِ لاَ تَمسُّهُمَا النَّار: عَيْنٌ بَكَتْ من خَشْيَة الله، وعَيْنٌ بَاتَت تَحْرُسُ في سَبِيل الله».
[صحيح] - [رواه الترمذي]
المزيــد ...

ئىبنى ئابباس رەزىيەللەھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى: «دوزاخنىڭ ئوتى تەگمەيدىغان ئىككى كۆز بار، بىرى ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كۆز، يەنە بىرى ئاللاھنىڭ يولىدا قاراۋۇللۇق قىلغان كۆز»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھدىن قورقۇپ يىغلىغان كۆزگە دوزاخ ئوتى تەگمەيدۇ، ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقى، بەندىلىرىگە بولغان قۇدرىتىنى ئەسلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ھالىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقىنى ئەسلەپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇنىڭ ئازابى ۋە غەزىپىدىن قورقۇپ يىغلايدۇ، بۇ دوزاخ ئوتىدىن قۇتۇلىشى ۋەدە قىلىنغان كۆزدۇر. دوزاخ ئوتى تەگمەيدىغان يەنە بىر كۆز: ئۇ چېگرادا ۋە ئۇرۇش رايۇنلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئاللاھ يولىدا كۈزەتچىلىك قىلىپ ئۇخلىمىغان كۆزدۇر، «دوزاخ ئوتى يەتمەيدىغان ئىككى كۆز» دېگەن سۆزدىن بىر نەرسىنىڭ بىر قىسمىنى سۆزلەپ ھەممىسىنى مەقسەت قىلىش دېگەنلىكتۇر، بۇنىڭدىن مەقسەت: كىمكى ئاللاھدىن قورقۇپ يىغلىسا ۋە ئاللاھ يولىدا ئۇخلىماي كۈزەتچىلىك قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بەدىنىنى دوزاخقا ھارام قىلىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ