عن عمار بن ياسر رضي الله عنهما قال: «بَعَثَنِي النبي صلى الله عليه وسلم في حَاجَة، فَأَجْنَبْتُ، فَلَم أَجِد المَاءِ، فَتَمَرَّغْتُ فِي الصَّعِيدِ، كَمَا تَمَرَّغ الدَّابَّةُ، ثم أَتَيتُ النبي صلى الله عليه وسلم فَذَكَرتُ ذلك له، فقال: إِنَّمَا يَكْفِيك أن تَقُولَ بِيَدَيكَ هَكَذَا: ثُمَّ ضَرَب بِيَدَيهِ الأَرْضَ ضَرْبَةً وَاحِدَةً، ثُمَّ مَسَحَ الشِّمَالَ عَلَى اليَمِينِ، وظَاهِرَ كَفَّيهِ وَوَجهَهُ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەممار ئىبنى ياسىر بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى بىر ئىشقا ئەۋەتكەندە مەن جۇنۇب بولۇپ قالدىم، ئۇ جايدا سۇ تاپالماي، ئۇلاغ توپىدا دۇمىلىغاندەك دۇمىلاندىم، ئاندىن ناماز ئوقۇدۇم. رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلگەندە بۇنى سۆزلەپ بەرسەم رەسۇلۇللاھ: سەن مۇنداق قىلساڭلا كۇپايە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟ دەپ ئالقىنىنى يەرگە بىر ئۇرۇپ ئوڭ ئالقىنى ئارقىلىق سول قولىغا، سول ئالقىنى بىلەن ئوڭ قولىنى سىلىدى، يەنى قولىنىڭ دۇمبىسى ۋە يۈزىنى سىلىدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەممار ئىبنى ياسىرنى سەپەردە بىر ئىشقا بۇيرىدى، ئەممار ئۇ يەردە جۇنۇب بولۇپ قېلىپ يۇيۇنۇش ئۈچۈن سۇ تاپالمىدى، جۇنۇب بولۇپ سۇ تاپالماي قالغاندا، تەيەممۇم قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى بىلمەيتتى. ئەمما ئادەتتىكى تاھارەت ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىشنى بىلەتتى، ئىجتىھاد قىلىپ، ئادەتتىكى تاھارەتتە توپا بىلەن بەزى ئەزالارغا مەسھى قىلغاندەك، سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىشقا ئوخشۇتۇپ، جۇنۇب بولغاندا پۈتۈن ئەزالارغا مەسھى قىلىنىدۇ دەپ ئويلىغان، ئۇ توپىدا دۇمىلىنىپ ھەممە يېرىگە توپا تەككۈزدى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كەلگەندە توغرا ياكى خاتا قىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قىلغان ئىشىنى سۆزلەپ بەردى، چۈنكى ئۇ ئىشنى ئىجتىھاد ئارقىلىق قىلغانلىقتىن ئۇنىڭ قەلبىدە بىر ئاز گۇمان بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: توپىغا پۈتۈن بەدىنىڭ بىلەن دۇمىلىماي، ئىككى ئالقىنىڭنى يەرگە بىر قېتىم ئۇرۇپلا سول قولۇڭ بىلەن ئوڭ قولۇڭغا، قولۇڭنىڭ دۇمبىسىگە، يۈزۈڭگە تاھارەت ئالغاندا سىلىغاندەك قىلساڭ بولاتتى ئەمەسمۇ؟ دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش