عن أنس رضي الله عنه : أن رجلين من أصحاب النبي صلى الله عليه وسلم خرجا من عند النبي صلى الله عليه وسلم في ليلة مظلمة ومعهما مثلُ المصباحين بين أيديهما، فلما افترقا، صار مع كل واحد منهما واحد حتى أتى أهله.
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئىككى كىشى قاراڭغۇ كېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىدىن قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئالدىدا چىراققا ئوخشاش ئىككى نۇر پەيدا بولدى، ئۇ ئىككىسى ئايرىلىشقاندا ئۇ نۇر ھەر بىرسى بىلەن ئۆيگە كەلگۈچىلىك بىللە بولدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىس پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئىككى كىشىگە ئاشكارا بولغان كارامەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ھەدىسنىڭ بەزى رىۋايەتلىرىدە بۇ ئىككى كىشى: ئەبباد ئىبنى بەشىر ۋە ئۈسەيد ئىبنى ھۇدەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېيىلگەن. بۇ ئىككى ئۇلۇغ ساھابە يول مېڭىش قىيىن بولغان بەك قاراڭغۇ بىر كىچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بولغان، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئاجايىپ بىر كارامەت بىلەن ئىكرام قىلغان، ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا يولدا ئۇلارنىڭ ئالدىدا توك چىراغنىڭ يورۇقلىقىغا ئوخشاش نۇرنى پەيدا قىلغان، ئۇ نۇر ئىككەيلەننىڭ ماڭىدىغان يولىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، بۇ ئىككى ئۇلۇغ ساھابە ئۆز ئۆيلىرى تەرەپكە ئايرىلغاندا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئۆيىگە تىنچ-خاتىرجەم كېتىۋىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىلەن بىر پارچىدىن نۇر بىرگە بولغان

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ