عن أبي ذر رضي الله عنه قال: قُلتُ: يَا رسُولَ الله، أَلاَ تَسْتَعْمِلُنِي؟ فَضَرَبَ بِيَدِهِ عَلَى مَنْكِبِي، ثُمَّ قَالَ: «يَا أَبَا ذَرٍّ، إِنَّكَ ضَعِيفٌ، وَإِنَّهَا أَمَانَةٌ، وَإِنَّهَا يَوْمَ القِيَامَةِ خِزيٌ وَنَدَامَةٌ، إِلاَّ مَنْ أَخَذَهَا بِحَقِّهَا، وَأَدَّى الَّذِي عَلَيهِ فِيهَا».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە دەيدىكى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا بىرەر ھوقۇق بېرىپ ئىشلەتمەملا؟ دېدىم، ئۇ قولى بىلەن دولامغا ئۇرۇپ قويۇپ دېدىكى: ئى ئەبا زەر سەن بۇ ئىشقا ھەقىقەتەن ئاجىزسەن، بۇ دېگەن ئامانەتتۇر ۋە ئۇنى ئۆز ھەققىدە قولىغا ئېلىپ، ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلمىسا، قىيامەت كۈنى ئىنساننى خار قىلىدىغان ۋە پۇشايمانغا قويىدىغان بىر ئىشتۇر
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ھوقۇق تۇتۇش توغرىسىدا مەخسۇس بىر نەسىھەت قىلغان. بۇ ئىش، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىنى بىرەر رايونغا ئەمىر قىلىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلغان چاغدا بولغان ئىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن بۇ ئىشقا ئاجىزسەن» دېگەن، بۇ گەپتىمۇ بىر خىل كۈچ- قۇۋۋەتنىڭ گېپى بار، لېكىن بۇ ھوقۇق دېگەن بىر ئامانەت بولغانلىقتىن، ئەگەر كۈچلۈك بولسا، كۈچلۈك، ئەگەر ئاجىز بولسا، ئاجىز دەپ، ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس سۈپىتىنى بايان قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەدىستە، بىرەر ھوقۇق تۇتۇش ئۈچۈن ئىنساننىڭ كۈچلۈك ۋە ئىشەنچىلىك بولىشى شەرت قىلىنىدىغانلىقىغا دەلىل بار. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ دېگەن ئامانەتتۇر» دېدى، يەنى، ئەگەر ئىشەنچىلىك ۋە كۈچلۈك بولسا، ئەمىر ياكى ۋالى بولۇشقا ھەقلىق بولىدىغان سۈپەتلەر مانا مۇشۇدۇر. ئەگەر ئۆزى كۈچلۈك ئەمما ئىشەنچىسىز بولسا، ياكى ئىشەنچىلىك ئەمما ئاجىز بولسا، ۋە ياكى ئىشەنچىسىز ھەم ئاجىز بولۇپ قالسا، مانا بۇ ئۈچ خىل كىشىلەر ئەمىر بولۇشقا لايىق ئەمەستۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، بىز كۈچلۈك كىشىنى ئەمىر قىلىپ تۇرغۇزۇشىمىز لازىم ، چۈنكى بۇنداق بولىشى كىشىلەرگە بەكرەك پايدىلىقتۇر، چۈنكى كىشىلەر كۈچلۈك بىر ھۆكۈمەتكە مۇھتاجدۇر. ئەگەر ھۆكۈمەت كۈچلۈك بولمىسا، بولۇپمۇ دىن ئاجىزلاپ قالغان چاغدا، نۇرغۇن پايدىلىق ئىشلار زايا بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ھەدىس، بىر ئىنساندا ئۇ ھوقۇقنىڭ ۋەزىپىلىرىنى جايىدا ئادا قىلىشقا ئاجىزلىق بولۇپ قالسا، ھوقۇقتىن يىراق تۇرۇشقا چوڭ بىر ئاساستۇر. ئەمما ھاكىملىققا سالاھىيىتى توشۇپ، ئۇنىڭدا ئادىل بولسا، بۇ ھەدىستە دېيىلگەن قورقۇتۇشلار ئۇنداق كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېسىل پەيغەمبىرىمىز بۇنى مۇستەسنا قىلىپ: «ئۇنى ئۆز ھەققىدە قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلسا، ئۇنىڭ قاتارىدىن بولمايدۇ» دېگەن. ئۇنداق بولىشى، چۈنكى ئۇنى ئۆز ھەققىدە قولىغا ئالغان كىشىنىڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان باشقا سەھىھ ھەدىسلەر مەۋجۇتتۇر. مەسىلەن: «ئاللاھ تائالانىڭ سايىسىدا سايىدايدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشىلەر» ۋە «ئادالەت يۈرگۈزگەنلەر نۇردىن بولغان مۇنبەرلەردە بولىدۇ» دېيىلگەن ھەدىسلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلىرى بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ