عن أبي بكر الصديق رضي الله عنه قال: يا أيُّها النَّاس، إِنَّكُم لَتَقرَؤُون هذه الآية: (يَا أَيُّها الَّذِين آمَنُوا عَلَيكُم أَنفسَكُم لاَ يَضُرُّكُم مَنْ ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيتُم) [المائدة: 105]، وَإِنِّي سمِعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «إِنَّ النَّاس إِذا رَأَوُا الظَّالِمَ فَلَم يَأْخُذُوا عَلَى يَدَيه أَوشَكَ أَنْ يَعُمَّهُمُ اللهُ بِعِقَابٍ مِنْهُ».
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي والنسائي وابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...

ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ: ئى خالايىق!، سىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ: «ئى مۆمىنلەر!، ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگەزىيان يەتكۈزەلمەيدۇ» دېگەن ئايىتىنى ئوقۇيسىلەر، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئەگەر كىشىلەر زالىمنى كۆرۈپ چەكلىمىسە ئاللاھ ئۆز ئازابىنى ئۇلارغا تىزلا ئوموملاشتۇرىدۇ» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئى خالايىق!، سىلەر:{ئى مۆمىنلەر!، ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ} دېگەن بۇ ئايەتنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىن ئىنسان ئۆزى توغرا يولدا بولسا باشقىلارنىڭ ئازغۇنلىقى ئۇنىڭغا زېيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۆزىنى تۈزىسە باشقىلارنىڭ ئىشى ئاللاھقا بولىدۇ دەپ چۈشىنىسىلەر، بۇ خاتا چۈشەنچىدۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ بىزگە زېيان يەتكۈزەلمەيدىغان بولىشى ئۈچۈن توغرا يولدا بولىشىمىزنى شەرت قىلىپ: {سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ} دېدى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش توغرا يولدا بولۇشنىڭ بىر قىسمىدۇر، بۇ توغرا يولدا بولغانلىق بولسا، زېياندىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىشىمىز زۆرۈر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئەگەر كىشىلەر يامان ئىش- ھەرىكەتلەرنى كۆرۈپ ئۆزگەرتمىسە، زالىمنى چەكلىمىسە ئاللاھ ئۆز ئازابىنى ئۇلارغا ئوموملاشتۇرىدۇ» دېدى، يەنى: ئۇلار ئازغۇن كىشىنى كۆرۈپ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىمىسە ئازغانلار ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا، يەنى: يامان ئىشنى قىلغۇچىغا ۋە ئۇنىڭدىن توسمىغان غاپىلغا جازانى ئوموملاشتۇرىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ