عن حذيفة بن اليمان رضي الله عنهما عن رسول الله صلى الله عليه وسلم أنه قال: «وَالَّذِي نَفسِي بِيَدِه، لَتَأْمُرُنَّ بِالمَعرُوف، وَلَتَنهَوُنَّ عَنِ المُنْكَر؛ أَو لَيُوشِكَنَّ الله أَن يَبْعَثَ عَلَيكُم عِقَاباً مِنْه، ثُمَّ تَدعُونَه فَلاَ يُسْتَجَابُ لَكُم».
[حسن] - [رواه الترمذي وأحمد]
المزيــد ...
ھۇزەيفە ئىبنى يامانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رىسۇلۇللا مۇنداق دېگەن: جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇيسىلەر، ئۇنداق قىلمىساڭلار ئاللاھ تائالا سىلەرگە پات يېقىندا ئازاب ئەۋەتىدۇ، ئاندىن دۇئا قىلساڭلارمۇ دۇئايىڭلار ئىجابەت بولمايدۇ
[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] - [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ «والذي نفسي بيده» دېگەن سۆزى كۆپ ھاللاردا ئاللاھ نامى بىلەن قىلىدىغان قەسەملىرىدىن ئىدى، چۈنكى بەندىلەرنىڭ جانلىرى ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئۇنى خالىسا ھىدايەت قىلىدۇ، خالىسا ئازدۇرىدۇ، خالىسا ۋاپات تاپقۇزىدۇ، خالىسا ھايات قالدۇرىدۇ. بەندىلەرنىڭ جانلىرى ھىدايەت تاپقۇزۇش، ئازدۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، ھاياتلىق بېرىش ۋە ئىشلىرىنى ئۆزگەرتىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق بارلىق ئىشلاردا ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «رۇھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى-يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى» سۈرە شەمىس 7-8-ئايەت، جانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ قولىدا بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بۇ قەسەمنى كۆپ قىلاتتى، بەزىدە «مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى» دەيتتى، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ جېنى ئەڭ پاك بولغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ شۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلغان. ئاندىن قەسەم قىلىنغان ئىشلارنى تىلغا ئالغان، ئۇ بولسىمۇ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش بولۇپ، ئۇنداق بولمىغاندا ئاللاھ تائالا بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئومومى ئازاب نازىل قىلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا دۇئا قىلساقمۇ دۇئايىمىز ئىجابەت بولمايدۇ