عن أبي ذر رضي الله عنه قال: قال لي رسول الله صلى الله عليه وسلم «يَا أَبَا ذَرٍّ، إِنِّي أَرَاكَ ضَعِيفًا، وَإِنِّي أُحِبُّ لَكَ مَا أُحِبُّ لِنَفْسِي، لاَ تَأَمَّرَنَّ عَلَى اثْنَينِ، وَلاَ تَوَلَّيَنَّ مَالَ يَتِيمٍ».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ماڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئى ئەبۇ زەر! مەن سىنى ئاجىز كۆرۈۋاتىمەن، مەن ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭا ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا سەن ئىككى ئادەمگە باش بولمىغىن، بىرەر يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرمېغىن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتتىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مەن سىنى ئاجىز كۆرۈۋاتىمەن، مەن ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭىمۇ ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا سەن ئىككى ئادەمگە باشلىق بولمىغىن، بىرەر يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرمېغىن!، دېدى». مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبى زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بايان قىلغان تۆت جۈملە: بىرىنچى: ئۇنىڭغا: «مەن سىنى ئاجىز كۆرۈۋاتىمەن» دېدى، بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن سۈپەتنى بۇ تېكىست ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىنسان باشقا بىرسىگە: نەسىھەت قىلىش يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش ياكى تىللاش ئۈچۈن ئەمەس، سەندە مۇنداق – مۇنداق سۈپەتلەر بار ئىكەن، دېسە ھېچقىسى يوق. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: «مەن سىنى ئاجىز كۆرۈۋاتىمەن» دېدى. ئىككىنچى: «مەن ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭا ياخشى كۆرىمەن» دېدى، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىندۇر. باشتىكى جۈملىدە بىرئاز ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىش بولغانلىقتىن، «مەن ئۆز – ئۈزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭا ياخشى كۆرىمەن» دېدى. يەنى: مەن ئۇ گەپنى، ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭىمۇ ياخشى كۆرگەنلىكتىن دەۋاتىمەن. ئۈچىنچى: «شۇڭا سەن ئىككى ئادەمگە باش بولمىغىن» يەنى: ئىككى ئادەمگە ئەمىر بولمىغىن، ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا تېخىمۇ بولمىغىن. تۆتىنچى: «بىرەر يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرمىغىن!». يېتىم دېگەن: قورامىغا يېتىشتىن ئىلگىرى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بالىدۇر. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى ئامانەتكە ئېلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى ئۇنداق مال ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاجدۇر. ئەبۇ زەر زەئىپ بولغانلىقتىن بۇ مالغا جايىدا كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «بىرەر يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرمىغىن» دېدى. يەنى: ئۇنىڭغا ئىگە بولمىغىن، بەلكى ئۇ ئىشنى باشقا ئادەمگە قويغىن!. بۇنىڭدا ئەبى زەرنىڭ ھەققى - ھۆرمىتىنى چۈشۈرگەنلىك يوق، چۈنكى ئۇ نورمالدا باشقىلاردەك (ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇپ) قىلىدىغان ئىشلارنى قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ زاھىدلىقى ۋە ھاياتتا غورىگۈل ياشايدىغانلىقى مەشھۇر ئىدى. لېكىن پەقەت بىر تەرەپتىن ئاجىز بولۇپ قالغان، ئۇ بولسىمۇ، ۋالىيلىق ياكى ھوقۇق تۇتۇش تەرەپتىن ئاجىزلىق ئىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ