عَنْ المُغِيرَةِ رضي الله عنه قَالَ:
كُنْتُ مَعَ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فِي سَفَرٍ، فَأَهْوَيْتُ لِأَنْزِعَ خُفَّيْهِ، فَقَالَ: «دَعْهُمَا، فَإِنِّي أَدْخَلْتُهُمَا طَاهِرَتَيْنِ» فَمَسَحَ عَلَيْهِمَا.
[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 206]
المزيــد ...
مۇغىيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
مەن بىر سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بولغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۆتۈكىنى سالدۇرۇشقا تەمشەلسەم، رەسۇلۇللاھ:«قويۇپ قويغىن، مەن ئۇ ئىككىسىنى تاھارەت بىلەن كىيگەن ئىدىم دەپ، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلدى».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان، ھەدىسنىڭ لەپزى بۇخارىغا ئائىتتۇر
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەرلىرىنىڭ بىرىدە تاھارەت ئالدى، ئىككى پۇتىنى يۇيىدىغان ۋاقىتتا مۇغىيرە بىن شۆبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پۇتىنى يۇيىۋالسۇن دەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پۇتىدىكى ئايىغىنى سالدۇرماقچى بولدى!. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قويغىن، ئۇنى سالدۇرمىغىن، مەن ئىككى پۇتۇمنى يۇيۇپ تاھارەت بىلەن كىيگەن دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى پۇتىنى يۇغاننىڭ ئورنىغا پۇتىدىكى ئايىغىغا مەسىھ قىلدى.