عن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:« إذا شَرِب الكلب في إناء أحَدِكُم فَليَغسِلهُ سبعًا». ولمسلم: « أولاهُنَّ بالتُراب». عن عبد الله بن مغفل رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:« إذا وَلَغ الكلب في الإناء فاغسلوه سبعًا وعفَّرُوه الثَّامِنَة بالتُّراب».
[صحيح] - [حديث أبي هريرة -رضي الله عنه-: متفق عليه. حديث عبد الله بن مغفل -رضي الله عنهما-: رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قاچاڭلاردىن ئىت بىر نەرسە ئىچىپ قويسا ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: بىرىنچىسىنى توپا بىلەن، دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قاچاڭلارغا ئىت چېپىلىپ قويسا ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار، سەككىزىنجى قېتىم توپا بىلەن يۇيۇڭلار، دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئىت نىجاسەت يەيدىغان مىكرۇب ۋە كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرىدىغان، يىرگىنىشلىك ھايۋان بولغانلىقتىن شەرىئەت بايان قىلغۇچى رەسۇلۇللاھ، ئۇ چېپىلىپ قويغان نەرسىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشقا بۇيرىغان، ئۇنىڭدىكى مىكرۇب ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بىرىنچى قېتىملىقنى توپا بىلەن يۇيۇپ ئاندىن سۇ بىلەن يۇيۇشقا بۇيرىغان

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ