عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: كنَّا قعودا حول رسول الله صلى الله عليه وسلم ومعنا أبو بكر وعمر رضي الله عنهما في نَفَرٍ، فقام رسول الله صلى الله عليه وسلم من بين أَظْهُرِنَا فأبطأ علينا، وَخَشِينَا أَنْ يُقْتَطَعَ دوننا وفزعنا فقمنا، فكنت أول من فزع، فخرجت أبتغي رسول الله صلى الله عليه وسلم حتى أتيت حائطا للأنصار لبني النجار، فدُرْتُ به هل أجد له بابا؟ فلم أجدْ! فإذا رَبِيعٌ يدخل في جوف حائط من بئر خارجه - والربيع: الجدول الصغير - فَاحْتَفَرْتُ، فدخلت على رسول الله صلى الله عليه وسلم فقال: «أبو هريرة؟» فقلت: نعم، يا رسول الله، قال: «ما شأنك؟» قلت: كنت بين أَظْهُرِنَا فقمت فأبطأت علينا، فَخَشِينَا أَنْ تُقْتَطَعَ دوننا، ففَزِعْنَا، فكنت أول من فزع، فأتيت هذا الحائط، فَاحْتَفَزْتُ كما يَحْتَفِزُ الثعلب، وهؤلاء الناس ورائي. فقال: «يا أبا هريرة» وأعطاني نعليهِ، فقال: «اذهبْ بِنَعْلَيَّ هاتين، فمن لقيت من وراء هذا الحائط يشهد أن لا إله إلا الله مُسْتَيْقِنًا بها قلبه، فَبَشِّرْهُ بالجنّة... » وذكر الحديث بطوله.
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى، بىز ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق بىر قانچە كىشى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتۇق، رەسۇلۇللاھ ئارىمىزدىن قوپۇپ كېتىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە قايتىپ كەلمىدى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىرى بۇلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئالاقزادە بولدۇق-دە، ئورنىمىزدىن تۇردۇق. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىرىنچى بولۇپ ئىزدەپ چىقتىم، ئەنسارىلاردىن بەنى نەججار قەبىلىسىنىڭ بېغىغا كېلىپ، باغنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، كىرىدىغان ئىشىك تاپالمىدىم. توساتتىن باغنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقتىن باغنىڭ ئىچىگە ئېقىپ كىرىدىغان بىر ئېرىقنى كۆرۈپ قالدىم، دە، تۈگۈلۈپ باغنىڭ ئىچىگە كىرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردىم. رەسۇلۇللاھ: ئەبۇ ھۇرەيرىمۇ سەن، نېمە ئىش بولدى؟ دەپ سورىدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! سىلە بىزنىڭ ئارىمىزدىن كېتىپ قېلىپ، قايتىپ كەلمىدىلە، شۇڭا سىلىگە زىيان يىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدۇق، مەن ئالاقزادە بولۇپ، بۇ باققا ھەممىدىن بۇرۇن يېتىپ كىلىپ ۋە تۈلكىدەك تۈگۈلۈپ باغقا كىردىم، قالغان كىشىلەر كەينىمدىن كېلىۋاتىدۇ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا ئىككى پاي كەشىنى بېرىپ: ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! سەن بۇ ئىككى كەشنى ئېلىپ، بۇ باغنىڭ ئەتراپىدا ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن ھەر بىر كىشىگە جەننەت بىلەن بېشارەت بەرگىن! دېدى. ئاندىن بۇ ھەدىسنىڭ ئاخىرغىچە بايان قىلدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق بىر قانچە كىشى بىلەن ئولتۇراتتى، رەسۇلۇللاھ ئارىدىن قوپۇپ كېتىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە قايتىپ كەلمىدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا باشقىلار تەرىپىدىن زىيان يېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالاقزادە بولدى، چۈنكى رەسۇلۇللاھقا مۇناپىقلار، دىن دۈشمەنلىرى زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇناتتى. ساھابىلار ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى، بىرىنچى بولۇپ ئەنسىرىگەن كىشى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولدى، ئۇ ئەنسارىلاردىن بەنى نەججار قەبىلىسىنىڭ بېغىغا كېلىپ، باغنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، كىرىدىغان ئىشىك تاپالماي تۇرغاندا، باغقا سۇ كىرىدىغان سۈڭگۈچنى بايقاپ قېلىپ شۇ يەردىن تۈگۈلۈپ باغقا كىردى، ئۇ رەسۇلۇللاھنى باغدا ئۇچراتتى، رەسۇلۇللاھ: ئەبۇ ھۇرەيرەمۇ؟ دېگەندە. ئەبۇ ھۇرەيرە: ھەئە، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا راستچىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر جۇپ ئايىقىنى بېرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: سەن بۇ ئىككى كەشنى ئېلىپ، بۇ باغنىڭ ئەتراپىدا ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى چىن قەلبىدىن ئىقرار ۋە ئېتىراپ قىلغان ھالەتتە ئۇچرىغان ھەر بىر كىشىگە جەننەت بىلەن خۇش-بېشارەت بەرگىن! دېدى. بۇ سۆزلەرنى چىن قەلبىدىن ئېيتقان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىشى ئېنىق، چۈنكى بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، بۇ بۈيۈك سۆزنىڭ مەنىسى يۇقارقىدەك بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ شېرىكى يوق بىر ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشىدا شەك يوق. ئەمما بۇ سۆزلەرنى تىلى بىلەن دەپ قويۇپ قەلبىدە ئىشەنمىگەن بولسا ئۇ كىشىگە پايدىسى بولمايدۇ