عن أنس بن مالك رضي الله عنه:
أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَمُعَاذٌ رَدِيفُهُ عَلَى الرَّحْلِ قَالَ: «يَا مُعَاذُ بْنَ جَبَلٍ»، قَالَ: لَبَّيْكَ يَا رَسُولَ اللهِ وَسَعْدَيْكَ، قَالَ: «يَا مُعَاذُ»، قَالَ: لَبَّيْكَ يَا رَسُولَ اللهِ وَسَعْدَيْكَ، ثَلَاثًا، قَالَ: «مَا مِنْ أَحَدٍ يَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَأَنَّ مُحَمَّدًا رَسُولُ اللهِ صِدْقًا مِنْ قَلْبِهِ إِلَّا حَرَّمَهُ اللهُ عَلَى النَّارِ»، قَالَ: يَا رَسُولَ اللهِ، أَفَلَا أُخْبِرُ بِهِ النَّاسَ فَيَسْتَبْشِرُوا؟ قَالَ: «إِذًا يَتَّكِلُوا». وَأَخْبَرَ بِهَا مُعَاذٌ عِنْدَ مَوْتِهِ تَأَثُّمًا.

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىر ئۇلاققا مىنگەشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز بىن جەبەل!» دېدى، مۇئاز: خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز بىن جەبەل!» دېدى، مۇئاز: خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ مۇنداق دېدى:«ھەر قانداق بىر كىشى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ چىن دىلىدىن گۇۋاھلىق بەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا سالمايدۇ» مۇئاز: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇ سۆزنى كىشىلەرگە خەۋەر قىلىپ خۇش بىشارەت بىرەيمۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار بۇ سۆزگە تايىنىۋالىدۇ ھازىر خەۋەر بەرمىگىن »دېدى. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا ئىلىمنى يوشۇرغاننىڭ گۇناھى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى بايان قىلىپ بەرگەن.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

مۇئاز بىن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئۇلاغدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەينىگە مىنگىشىپ كېتىۋاتقاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى چاقىرىپ: ئى مۇئاز؟ دەپ تكرار ئۈچ قېتىم چاقىردى، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت دەيدىغان سۆزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر.
ئۈچ قېتىملىق چاقىرىقنىڭ ھەممىسىگە، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن، سىلىگە جاۋاپ بېرىش بىلەن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن دەپ جاۋاپ بەردى،
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ چىن دىلىدىن سەمىيمىلىك بىلەن گۇۋاھلىق بىرىپ شۇ ھالەتتە ۋاپات بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا كىرگۈزمەيدۇ دېدى.
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرنى خۇرسەن قىلىش ۋە ئۇلارغا بۇ ياخشىلىقتىن خوش بىشارەت بىرىشنى سورىغاندا،
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ بۇ سۆزگە تايىنىۋېلىپ، ئەمەلنى ئاز قىلىشىدىن ئەنسىرەپ خەۋەر بەرگىلى رۇخسەت قىلمىدى.
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر بۇ ھەدىسنى سۆزلىمىدى، ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئىلىمنى يوشۇرغاننىڭ جىنايىتىگە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى خەۋەر بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئۇلاغقا ئۆزى مېنىپ كەينىگە مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مىنگەشتۈرگەنلىكى بولسا، رەسۇلۇللاھنىڭ كېچىك پىئىل ۋە كەمتەرلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
  2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىم بېرىش ئۇسۇلى، دەيدىغان سۆزگە مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دىققەت قىلىشى ئۈچۈن چاقىرىقنى تەكرار قىلغانلىقى.
  3. ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ شەرتلىرىدىن، بۇ سۆزنى دېگۈچى شەك قىلماستىن، يالغان سۆزلىمەستىن ئىشەنچ قىلىپ سەمىيمىلىك بىلەن چىن دىلىدىن دېيىشى كېرەك.
  4. تەۋھىد ئەھلى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالمايدۇ، بەزى بىر گۇناھلىرى سەۋەبىدىن جەھەننەمگە كىرسىمۇ پاك بولغاندىن كېيىن چېقىدۇ.
  5. چىن دىلىدىن دېگەن كىشى ئۈچۈن ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتى.
  6. بەزى ئەھۋاللاردا كىلىپ چېقىدىغان زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەزى ھەدىسلەرنى سۆزلىمەسلىك توغرا بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ