1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. ئەقىدە ئىلمى

ھەدىس مۇسۇلمان دېگەن: مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىل ۋە قولىدىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەردىن سالامەت قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن: ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر

عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ عَمْرٍو رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«المُسْلِمُ مَنْ سَلِمَ المُسْلِمُونَ مِنْ لِسَانِهِ وَيَدِهِ، وَالمُهَاجِرُ مَنْ هَجَرَ مَا نَهَى اللَّهُ عَنْهُ».

ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مۇسۇلمان دېگەن: مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىل ۋە قولىدىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەردىن سالامەت قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن: ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر».

تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن سەھى بۇخارى - 10

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىسلامى كامىل بولغان مۇسۇلمان دېگەن كىشىلەر ئۇنىڭ تىلىدىن سالامەت قالغان، كىشىلەرنى تىللىمايدىغان، لەنەت ئىيتمايدىغان، غەيۋېتىنى قىلمايدىغان، كىشىلەر ئارىسىدا قايسى تۈردىن بولسۇن ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغان كىشىدۇر. مۇسۇلمانلار ئۇ كىشىنىڭ قولىدىن سالامەت قالىدۇ، ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز ئىلىۋالمايدۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان يوللار بىلەنمۇ ئەزىيەت يەتكۈزمەيدۇ. مۇھاجىر دېگەن ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىسلامنىڭ مۇكەممەل بولىشى باشقىلارغا ماددى ۋە مەنەۋىي جەھەتلەردىن ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك بىلەن بولىدۇ.
  2. ھەدىستە قول بىلەن تىلنى زىكىر قىلدى، چۈنكى قول بىلەن تىلنىڭ خاتالىقى ۋە زىيىنى كۆپ بولىدۇ ۋە ئاساسلىق يامانلىقلار بۇ ئىككىسىدىن سادىر بولىدۇ.
  3. گۇناھ-مەئ‍سىيەتنى تەرك قىلىش ۋە ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارنى لازىم تۇتۇش.
  4. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ تائالانىڭ ھەق ھوقۇقىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تولۇق ئادا قىلغان كىشىدۇر.
  5. باشقىلارغا دۇشمەنلىك قىلىش بەزى ئاغزاكى بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئەمەلىي بولىدۇ.
  6. مۇكەممەل ھىجرەت دېگەن: ئۇ ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى تەرك قىلىشتۇر.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

57 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
IT Italiano الإيطالية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية