ئەسەر تۈزۈش:
+ -


____

[] - []
المزيــد ...


مەن: ئى ئاللاھنىڭ رۇسۇلى! ماڭا ئىسلامدا بىر سۆزنى دەپ بەرسىلە، مەن ئۇ سۆز توغرىسىدا سىلىدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايمەن دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا ئىشەندىم دەپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سۆزنىڭ تەقەززاسى بىلەن مۇستەھكەم تۇرغىن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [الأربعون النووية - 21]

شەرھىسى

ساھابىلاردىن سۇپيان بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە ئىسلامنىڭ ئومۇمى مەنىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان ۋە ئۇنىڭغا مۇستەھكەم ئېسىلىدىغان بىر سۆزنى تەلىم بېرىشنى، ئۇ سۆزنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايدىغانلىقى توغرىسىدا سورىغان ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھنى بىر بىلدىم، ھەقىقەتەن ئاللاھنى مېنىڭ رەببىم، ئىلاھىم، ياراتقۇچۇم، ھېچ شېرىكى بولمىغان ھەق مەبۇدۇم» دېگىن دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى تەرك قىلىپ، ئاللاھقا بويسۇنۇپ بۇنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. دىننىڭ ئەسلى ۋە ئاساسى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكى، پەرۋەردىگار ئىكەنلىكى ۋە ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشىنىشتۇر.
  2. ئىماندىن كېيىن دۇرۇس بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تۇرۇپ ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى.
  3. ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئىمان شەرت قىلىنىدۇ.
  4. ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش دېگەن: ئەقىدە، ئىماندىن ۋە ئۇنىڭ ئاساسىدىن دەپ ئېتىقاد قىلىش ۋاجىپ بولغان ھەممە نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭغا قەلب ئەمەللىرى ۋە ئىچكى-تاشقى ھەممە تەرەپتىن ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  5. راۋرۇس تۇرۇش دېگەن: ۋاجىپ بولغان ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن توغرا يولنى لازىم تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر.
مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. الموري مالاگاسچە تەرجىمىسى. پۇلانىيچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. الولوف البلغارية ئازارىچە تەرجىمىسى اليونانية الأكانية ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى. الجورجية اللينجالا المقدونية الخميرية الماراثية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ئەسەرلەر
تېخىمۇ كۆپ