عن أبي سعيد الخدري رضي الله عنه مرفوعاً: «احْتَجَّتِ الجنَّة والنَّار، فقالتِ النَّار: فيَّ الجبَّارون والمُتَكَبِّرُون. وقالتِ الجنَّة: فيَّ ضُعَفَاء الناسِ ومساكِينُهُم، فقضى الله بَيْنَهُمَا: إِنك الجنَّة رحْمَتي أَرحم بك من أشاء، وإِنك النَّار عذابي أُعذب بك من أشاء، ولِكِلَيْكُمَا عليَّ مِلْؤُهَا».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «جەننەت بىلەن دوزاخ مۇنازىرلىشىپ قالدى، دوزاخ: مەندە زۇلۇم قىلغۇچىلار، تەكەببۇر كىشىلەر بار دېدى، جەننەت: مەندە كىشىلەرنىڭ ئاجىزلىرى ۋە مىسكىنلىرى بار دېدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ: جەننەت! سەن مېنىڭ رەھمىتىم، مەن سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىلەرگە رەھىم قىلىمەن. دوزاخ! سەن مېنىڭ ئازابىم، مەن سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، ھەمدە ئىككىڭلارنى توشقۇزۇش مېنىڭ ئىشىم دېدى» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: جەننەت بىلەن دوزاخ ئۆز-ئارا مۇنازىرىلىشىپ قالدى، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ ھۆججىتىنى كۈچلەندۈرەتتى، بۇ گەرچە بىزنىڭ ئەقلىمىزگە سىغمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز زۆرۈر بولغان غەيبى ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. جەننەت دوزاخقا، دوزاخ جەننەتكە دەلىل كەلتۈرۈپ مۇنازىرىلەشتى، دوزاخ ئۆزىدە زالىم، قوپال، باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلغۇچى، كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ھەقنى قوبۇل قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى بىلەن دەلىل كەلتۈردى، بۇ خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چوڭچىلىق توغرىسىدا: «ھەقنى رەت قىلىپ، كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق» دېگەندەك. زالىملار ۋە تەكەببۇرلار ئۇلار دوزاخ ئەسھابىلىرى (ئاللاھ ساقلىسۇن) بەزى ۋاقىتتا دوزاخ ئەھلى كىشىلەرگە نىسبەتەن مۇلايىم، ئەخلاقلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھەققە بويسۇنمايدۇ، ھەقىقەت ئەھلىگە چوڭچىلىق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە بولغان ياخشى مۇئامىلىسى ۋە مۇلايىملىقى ئۇلارغا پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ تەكەببۇر-زالىملارنىڭ سۈپىتى بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرگە مۇلايىم بولۇپ، ھەقكە بويسۇنمايدۇ. ئەمما جەننەت مۇنداق دېدى: مەندە كىشىلەرنىڭ ئاجىزلىرى ۋە مىسكىنلىرى بار، ئۇلار ئاساسەن ھەقنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ، زالىملار ۋە تەكەببۇرلار ئاساسەن ھەقكە بويسۇنمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ، جەننەتكە مۇنداق دېدى: «جەننەت! سەن مېنىڭ رەھمىتىم، مەن سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىلەرگە رەھىم قىلىمەن»، دوزاخقا: «دوزاخ! سەن مېنىڭ ئازابىم، مەن سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن»دېدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا: «ھەمدە ئىككىڭلارنى توشقۇزۇش مېنىڭ ئىشىم» دېدى، ئاللاھ تائالا جەننەت بىلەن دوزاخنى توشقۇزۇشقا ئۆزى كېپىل بولدى، ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى غەزىپىدىن كەڭرىدۇر، قىيامەت كۈنى بولغاندا دوزاخقا ھەقلىق بولغانلارنى دوزاخقا تاشلايدۇ، دوزاخ: يەنە بارمۇ دەپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا پۇتىنى قويىدۇ، يەنە بىر رىۋايەتتە: قەدىمىنى قويىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ قەدىمىنى قويغانلىقىنىڭ تەسىرىدىن دوزاخ بىر_بىرىگە قاتلىنىپ، بىر_بىرىگە قېتىلىپ تولغۇشۇپ بولدى-بولدى، تولۇپ كەتتى، توشۇپ كەتتى دەيدۇ. ئەمما جەننەت، جەننەت بولسا كەڭرى بولۇپ، ئۇنىڭ توغرىسى ئاسمان-زېمىننىڭ باراۋېرىدە كېلىدۇ، جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ جەننەتتە نۇرغۇن جايلار بىكار قالىدۇ، ئاللاھ تائالا يېڭى بىر قەۋمنى پەيدا قىلىپ، ئۆزىنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا جەننەتنى توشقۇزۇشقا ئۆزى كېپىل بولغان

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە تامىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ