عن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «لا يحل لامرأة تؤمن بالله واليوم الآخر أن تسافر مَسِيرَةَ يومٍ وليلةٍ ليس معها حُرْمَةٌ ». وفي رواية: «لا تُسافر مَسِيرَةَ يومٍ إلا مع ذي مَحْرَم».
[صحيح] - [متفق عليه. قوله في عمدة الأحكام عن الرواية الثانية: (وفي لفظ البخاري) صوابه: مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كىچە-كۈندۈزلۈك يىراقلىققا سەپەر قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. يەنە بىر ھەدىستە: مەھرەمسىز بىر كۈنلۈك سەپەرگە چىقمىسۇن، دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئاياللار بولسا شەھۋەت ۋە ئىنتىلىش ئوبېكتى بولۇپ، ئۇلار ئاجىز بولغانلىقتىن، ئەقلى كەمتۈك بولغانلىقتىن ئۆزىنى قوغداشقا قادىر بولالمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئايال كىشى سەپەرگە چىققاندا، شەرىئەت ئۇنىڭ بىلەن بىر مەھرەم بىرگە چىقىشى زورۇر دەپ قارىدى، مەھرەم بولغۇچى ئۇنىڭ ئابرۇيىنى قوغدايدۇ ۋە تاجاۋۇزچىلىقتىن ساقلايدۇ. شەرىئەت يۇقىرىدىكى مەقسەتلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن مەھرەمنىڭ بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولىشىنى شەرت قىلىدۇ. شەرىئەت ئۇ ئايالنىڭ ئىمانىنى شەرت قىلىپ، ئەگەردە ئۇ ئايال شۇ ئىمان بىلەن ئىش كۆرىدىغان ئىماننىڭ تەلىپى بويىچە ماڭىدىغان بولسا، مەھرەمسىز سەپەر قىلماسلىقنى تەقەززا قىلدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ