عن أبي هريرة - رضي الله عنه- مرفوعاً: «من أنْفَق زوْجَيْن في سَبيل الله نُودِي من أبْوَاب الجنَّة، يا عبد الله هذا خَيْرٌ، فمن كان من أهل الصلاة دُعِي من باب الصلاة، ومن كان من أهل الجِهاد دُعِي من باب الجِهاد، ومن كان من أهل الصيام دُعِي من باب الرَّيَّانِ، ومن كان من أهل الصَّدَقة دُعِي من باب الصَّدَقة» قال أبو بكر رضي الله عنه : بأبي أنت وأمي يا رسول الله! ما على من دُعِي من تلك الأبواب من ضَرورة، فهل يُدْعَى أحَدٌ من تلك الأبواب كلِّها؟ فقال: «نعم، وأرْجُو أن تكون منهم».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھ يولىدا جۇپ-جۇپى بىلەن نەرسە سەرپ قىلسا، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن: ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! بۇ ئىشىك ياخشىدۇر دەپ چاقىرىلىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ناماز ئەھلى بولسا ناماز ئىشىكىدىن، جىھاد ئەھلى بولسا جىھاد ئىشىكىدىن، روزا ئەھلى بولسا رەييان ئىشىكىدىن، سەدىقە ئەھلى بولسا سەدىقە ئىشىكىدىن چاقىرلىدۇ» دېدى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىرەر كىشىنىڭ ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ بىرەرىدىن چاقىرىلىشىنىڭ نېمە زۆرۈرىيتى؟ بىر ئادەم ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرىلامدۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھە-ئە چاقىرىلىدۇ، مەن سېنىڭ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ ئۆزى ئىگە بولغان يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، قاتناش ۋاستىلىرى(ئۇلاغ)ۋە نەخ پۇل قاتارلىق نەرسىلەردىن جۈپ-جۈپى بىلەن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلسا، پەرىشتىلەر ئۇ كىشىنىڭ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن ئۇ كىشىنى چاقىرىپ: ھاياتىڭدا كۆپ ياخشىلىق قىلدىڭ، بۈگۈن ئۇ ياخشىلىقىڭغا ئاساسەن كاتتا ساۋاپقا ئېرىشىسەن دەيدۇ. كۆپ ناماز ئوقۇغۇچىلار ناماز ئىشىكىدىن چاقىرىلىپ ئۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كېرىدۇ، سەدىقىنى كۆپ قىلغۇچىلار سەدىقە ئىشىكىدىن چاقىرىلىپ، ئۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كېرىدۇ، كۆپ روزا تۇتقۇچىلارنى پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ كېرىشى ئۈچۈن تەييارلانغان رەييان ئىشىكىنىڭ ئالدىدا كۈتىۋالىدۇ، رەييان دېگەن ئۇسسۇزلۇققا قېنىش دېگەن بولۇپ، روزا تۇتقۇچىلار سۇ ئېچىشتىن چەكلەنگەنلىكتىن ئۇسساپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ يازنىڭ ئىسسىغىدىكى ئۇزۇن كۈنلەردە چاڭقايدۇ، ئۇلار دۇنيادا ئۇسسۇزلۇققا سەۋىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرى جەننەتكە كېرىدىغان رەييان ئاتلىق ئىشىكتە ئۇسسۇزلۇققا قانىدۇ. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا: ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مۇشۇ ئىشىكلەردىن جەننەتكە كېرگەن كىشىگە كەمچىلىك ۋە زېيان تارتىش بولمايدىغۇ؟!، بىر ئادەم ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرلامدۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەئە چاقىرىلىدۇ، مەن سېنىڭ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ ئۇنىڭغا ياخشى بىشارەت بەرگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ