عن أبي يحيى خُرَيْم بن فَاتِك رضي الله عنه مرفوعاً: «مَنْ أَنْفَقَ نَفَقَةً في سَبِيل الله كُتب له سَبْعُمِائَةِ ضِعْفٍ».
[صحيح] - [رواه الترمذي والنسائي وأحمد]
المزيــد ...
ئەبۇ يەھيا خۇرىيم ئىبنى پاتىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمىكى پۇل-مېلىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلسا، ئۇنىڭغا يەتتە يۈز ھەسسە ساۋاب يېزىلىدۇ
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئاللاھ يولىدىكى جىھادتا بولسۇن ياكى باشقا ياخشىلىق يوللىرىغا بولسۇن، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن سەدىقە قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى ھەتتا يەتتە يۈز ھەسسىگىچە كۆپەيتىپ بېرىدۇ