عن جابر بن عبد الله رضي الله عنهما أنّ النبيَّ صلى الله عليه وسلم قال: «أُعْطِيتُ خمسا، لم يُعْطَهُنَّ أحد من الأنبياء قبلي: نُصِرْتُ بالرعب مسيرة شهر، وجُعِلَت لي الأرض مسجدا وطَهُورا، فأَيَّمَا رجل من أمتي أدركته الصلاة فَلْيُصَلِّ، وأُحِلَّت لي المغانم، ولم تحلَّ لأحد قبلي، وأُعْطِيتُ الشفاعة، وكان النبي يُبْعَثُ إلى قومه خاصة، وبُعِثتُ إلى الناس عامَة».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ماڭا بۇرۇن ھېچبىر پەيغەمبەرگە بىرىلمىگەن بەش تۈرلۈك ئالاھىدىلىك ئاتا قىلىندى. بىر ئايلىق مۇساپىدىكى دۈشمەنلىرىمنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سېلىش بىلەن نۇسرەت بېرىلدى، زېمىننىڭ ھەممە يېرى ماڭا سەجدىگاھ ۋە پاك قىلىپ بېرىلدى. ئۈممىتىمدىن ھەر قانداق ئادەم قەيەردە نامازنىڭ ۋاقتى كىرسە شۇ يەردە نامازنى ئوقۇۋەرسۇن. غەنىمەتلەر ماڭا ھالال قىلىپ بىرىلدى، مەندىن ئىلگىرىكىلەرگە ھالال قىلىنمىغان. قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىندىم. باشقا پەيغەمبەرلەر ئۆز خەلقىگىلا ئەۋەتىلەتتى، مەن بولسام پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلدىم
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا پەيغەمبەرلەرگە قارىغاندا بەش تۈرلۈك ئالاھىدە شەرەپ بىلەن ۋە ئىلگىركىلەردە بولمىغان پەزىلەتلەر بىلەن خاس قىلىنغان، شۇنداقلا بۇ ئۈممەتمۇ پەيغەمبىرى ئېرىشكەن شۇ پەزىلەتلەرنىڭ بىر قىسمىغا نائىل بولغان. بۇ بەش تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلەر بولسا ئىككى مەشھۇر سەھىھ كىتابتا كەلگەن، بىرىنچىسى: ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى دۇشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلغان ۋە كۈچلەندۈرگەن، رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن بىر ئايلىق مۇساپە يىراقلىقتا بولسىمۇ ئۇلارنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سېلىپ ئاجىزلاشتۇرغان ۋە دۇشمەن سېپىنى بۆلۈپ بەرگەن، بۇ رەسۇلۇللاھقا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن ياردەم ۋە كۈچلەندۈرۈش، دىن دۇشمەنلىرىنى خورلاش ۋە مەغلۇپ قىلىپ بېرىش ئىدى، شەكسىزكى بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن چوڭ ياردەم بولغان. ئىككىنچىسى: ئاللا تائالا بۇ ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرگە ۋە ئۇنىڭ بەخىتلىك ئۈممىتىگە كەڭرىچىلىك قىلىپ زېمىننىڭ ھەممە يېرىنى سەجدىگاھ قىلىپ بەردى، قەيەردە ناماز ۋاقتى بولۇپ قالسا شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا ناماز ئوقۇش دۇرۇس قىلىندى. ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە ئىبادەتنى چىركاۋلاردا قىلىش بەلگىلەندەك بۇ ئۈممەتكە مەسچىتتە ئوقۇش شەرت قىلىنمىدى. ئاللا تائالا يەنە بۇ ئۈممەت ئۈستىدىن پەزلى مەرھەمەت قىلىپ قېيىنچىلىق ۋە جاپانى كۆتۈرىۋەتتى. ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر پەقەت سۇ بىلەنلا تاھارەت ئالاتتى، بۇ ئۈممەت سۇ تېپىلمىغاندا توپا بىلەن تەيەممۇم قىلىشى دۇرۇس قىلىندى. كېسەل سەۋەبلىك سۇ ئىشلەتسە زىيان قىلىدىغانلارمۇ تەيەممۇم قىلسا دۇرۇس. ئۈچىنچى: كاپىرلار بىلەن قىلغان ئۇرۇش-جەڭلەردە ئېلىنغان غەنىمەت، ئولجىلار ھالال قىلىپ بىرىلدى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا بايان قىلغان شەكىلدە جەڭچىلەرگە بۆلۈپ بىرىلىدۇ، بۇمۇ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ۋە ئۈممەتلىرىگە ھارام قىلىنغان، ئۇلار غەنىمەتنى بىر جايغا يىغاتتى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلغان جىھادىنى قوبۇل قىلغان بولسا ئاسماندىن بىر ئوت چۈشۈپ غەنىمەتلەرنى كۆيدۈۈرۈپ تاشلايتتى. تورتىنچى: ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى قىيامەت كۈندە ئالى ماقامغا ۋە بۈيۈك شاپائەتكە ئىگە قىلدى، ئۇ كۈندە ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەرمۇ مەھشەرگاھ مەيدانىدا ئارقىغا يانىدىغان كۈن، پەقەت پەيغەمبىرىمىز مەن شاپائەت قىلىمەن دەپ ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ ۋە ئەرش ئاستىغا كېلىپ سەجدە قىلىدۇ، ئاللاھ تائالاغا لايىق ھەمدۇ-سانا ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا: شاپائەت تەلەپ قىلغىن، شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بىرىلىدۇ، سورىغىن سورىغان نەرسەڭ بىرىلىدۇ، دېيىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ بۇ ئۇزۇن كۈندە كىشىلەر ئارسىدا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن شاپائەت ھوقۇقىنى سورايدۇ، مانا بۇ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى جىمى كىشىلەر قىزىقىدىغان ئالى بۈيۈك ماقام. بەشىنچى: بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتى ئۆز قەۋمىگە خاس ئىدى، يەنى رايۇن، مىلەت بىلەن چەكلەنگەن، ئەمما رەسۇلۇللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە دەۋىتى بارلىق ئىنسانلارغا ئومۇمى يۈزلۈك بولۇپ، زامان ۋە رايۇن، مىللەت بىلەن چەكلەنمىگەن. بۇنداق ئالاھىدىلىكى ۋە مۇكەممەللىكى بىلەن قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدىغان بۈيۈك بىر شەرىئەتتۇر. ئۇنىڭدا بىر نەرسىنى زىيادە ۋە كام قىلغۇدەك بىرەر كەمچىللىك يوق، ئىسلام شەرىئىتى ئالەمشۇمۇل تا قىيامەتكىچە قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە دىندۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ