عن أبي هريرة رضي الله عنه : أن رجلًا أتى النبي صلى الله عليه وسلم يَتَقَاضَاهُ فَأغْلَظَ له، فَهَمَّ به أصحابه، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «دَعُوه، فإن لِصَاحب الحَقِّ مَقَالا» ثم قال: «أعْطُوهُ سِنًّا مِثْل سِنِّهِ» قالوا: يا رسول الله، لا نَجِدُ إلا أمْثَلَ مِنْ سِنِّهِ، قال: «أعْطُوه، فإن خَيْرَكم أحْسَنُكُم قَضَاء».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا قەرز سۈيلەپ كىلىپ، رەسۇلۇللاھقا قوپاللىق قىلدى، ساھابىلار ئۇنى ئەدەپلەشكە تەمشەلگەندە، رەسۇلۇللاھ: «بولدى قىلىڭلار، ھەق ئېگىسىنىڭ سۆزلەش ھەققى بار» دېدى. ئاندىن ئۇلارغا: ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ تۆگىسىنىڭ يېشىدا بىر تۆگە بېرىڭلار، دېدى، ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇنىڭ تۆگىسىدىن چوڭ تۆگىلەرلا بار ئىكەن دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: ئۇنى بېرىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىدىغىنىڭلار، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بىر كىشىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدە قەرزى بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن بىر كىچىك تۆگە قەرز ئالغان ئىدى. ئۇ كىشى قەرزنى سۈيلەپ كىلىپ، رەسۇلۇللاھقا تەلىۋىدە قوپاللىق قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى رەسۇلۇللاھقا قوپال ۋە نالايىق مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئەدەپلەشكە ۋە ئۇرۇشقا تەمشەلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: خالىغىنىنى دېگىلى قويۇڭلار، ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، ھەق ئېگىسىنىڭ قەرزداردىن قەرزنى سۈيلەش ھەققى بار، دېدى. بىراق قەرزنى سۈيلەش ئەدەپ بىلەن بولىشى كېرەك، تىل-ھاقارەت قىلىش، ئابرۇيىغا تېگىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقى ئەمەس. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى ئۇنىڭ تۆگىسىنىڭ يېشىدا بىر تۆگە بېرىشكە بۇيرىدى. ساھابىلار: ئۇنىڭ تۆگىسىدىن چوڭ تۆگىلەرلا بار ئىكەن، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: ئۇنىڭ تۆگىسىدىن چوڭ تۆگە بولسىمۇ بېرىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ كىشىلەر بىلەن ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرىڭلار، ساۋابى ئەڭ كۆپلىرىڭلار قەرز ۋە باشقا ھەقلەرنى ياخشى تۈگىتىدىغىنىڭلار، دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ