عن عبدالله بن عباس رضي الله عنهما قال: «كان رسول الله صلى الله عليه وسلم أَجْوَدَ الناسِ، وكان أَجْوَدَ ما يكونُ في رمضانَ حِينَ يَلْقاهُ جبريلُ، وكان يَلْقاهُ في كلِّ ليلة مِن رمضانَ فَيُدارِسُه القرآن، فَلَرسولُ الله صلى الله عليه وسلم أجْوَدُ بالخير من الريح المُرسَلة».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ سېخى زات ئىدى، بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا جىبرىئىل بىلەن كۆرۈشكەندە تېخىمۇ سېخى بولۇپ كېتەتتى، جىبرىئىل رەسۇلۇللاھ بىلەن رامىزان ئېيىنىڭ ھەر كېچىسىدە كۆرۈشۈپ قۇرئان ئۈگىتەتتى، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشى ئىشتا مەيىن شامالدىنمۇ بەك سېخى ئىدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ سېخى كىشى ئىدى»، يەنى: رەسۇلۇللاھ ئىقتىسادى، جىسمى، ئىلمى، دەۋىتى، ۋەز-نەسىھىتى ۋە ئىنسانلارغا مەنپەئەتى يېتىدىغان ھەرقانداق ئىشلاردا سېخى ئىدى. «رامىزان ئېيىدا تېخىمۇ سېخىلىق قىلاتتى» چۈنكى رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە پەزلى-مەرھەمەت قىلىدىغان، تەۋپىق بېرىلگەن بەندىلەرمۇ ئۆز قېرىنداشلىرىغا ياخشىلىق قىلىدىغان سېخىلىق ئېيىدۇر. «جىبرىئىل ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەندە»، يەنى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل بىلەن ئۇچراشقاندا. «جىبرىئىل رەسۇلۇللاھ بىلەن رامىزان ئېيىنىڭ ھەر كېچىسىدە كۆرۈشۈپ قۇرئان ئۈگىتەتتى»، يەنى: جىبرىئىل رەسۇلۇللاھنىڭ دەرىس ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىشى ۋە قەلبىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن رامىزاندا ھەر كىچىسى قۇرئان ئۈگەتكىلى چۈشەتتى. رەسۇلۇللاھ جىبرىئىل ئۆزى بىلەن ئۇچرۇشۇپ، قۇرئان تەلىم بەرگەندە خەيرى-ساخاۋەت قىلىشتا مەيىن شامالدىنمۇ بەك سېخى بولۇپ كېتەتتى، يەنى: ياخشىلىققا ئالدىراپ، بىر نەرسە بېرىشتە شامالدىن تىز ئىدى. «الريح المرسلة» يەنى: ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن سۈرىتى تىز، بوران كەبى شامال. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزان ئايلىرىدا كىشىلەرگە ساخاۋەت قىلىشتا بۇ شامالدىنمۇ بەك تىز ئىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش