عن شكل بن حميد رضي الله عنه قال: قلت: يا رسول الله، عَلِّمْنِي دعاء، قال: (قل: اللهم إني أعوذ بك من شر سمعي، ومن شر بصري، ومن شر لساني، ومن شر قلبي، ومن شر مَنِيِّي).
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي والنسائي وأحمد]
المزيــد ...

شەكىل ئىبنى ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا دۇئا ئۈگۈتۈپ قويسىلا! دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! سەن بىلەن قۇلىقىم، كۆزۈم، تىلىم، قەلبىم ۋە شەھۋىتىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېگىن»دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە شەكىل ئىبنى ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى ئىزدەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىلىدۇ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن پانى دۇنيانى، ئازراق مالنى ياكى بىرەر كەمچەن يىمەكلىك سوراپ ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن دۇئا تەلەپ قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەتى بولىدىغان دۇئا ئۈگۈتۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلىپ ئىدى، مانا بۇ ساھابىلارنىڭ ھەقىقىتى، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رازىلىقىنى تەلەپ قىلاتتى، ئۇ كىشىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كاتتا دۇئانى ئۈگۈتۈپ مۇنداق دېدى: سەن «ئى ئاللاھ! ( ئاللا تائالاغا گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان «ئاللاھ» دېگەن ئىسىمى بىلەن يۈزلىنىپ دۇئا قىلدى) قۇلىقىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، يەنى قۇلاقنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھ بىلەن ساقلىنىمەن، ئۇ بولسىمۇ: يالغان گۇۋاھلىق، كۇپرى سۆزى، تۆھمەت، دىننى كەمسىتىش قاتارلىق ئىنسان قۇلىقىغا يېتىپ قالىدىغان چەكلەنگەن سۆزلەردىن ئىبارەتتۇر. كۆزۈمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، ئۇ بولسىمۇ كۆزنى ناچار مەنزىرە، يىرىم يالىڭاچ فىلىم قاتارلىق چەكلەنگەن نەرسىلەرگە ئىشلىتىش. تىلىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، يەنى تىلىدىن سادىر بولىدىغان يالغان گۇۋاھلىق، تىللاش، لەنەت ئوقۇش، دىنى تەرەپتىن، ئائىلىسى تەرەپتىن كەمسىتىش، ئىنسانغا پايدىسى يوق سۆزلەرنى قىلىش ۋە مۇھىم بولغان سۆزنى قىلماسلىق دېگەندەك بارلىق چەكلەنگەن سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش. قەلبىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، ئۇ بولسىمۇ قەلبىنى ئاللاھنى ئەسلەشتىن باشقا ئىشلار بىلەن ياشنىتىش ياكى ئۇمىت قىلىش، قورقۇش، چۆچۈش، ئۇلۇغلاش قاتارلىق قەلىب ئىبادەتلىرى بىلەن ئاللاھدىن غەيرىگە يۈزلۈنۈش ياكى ئاللاھقا قىلىنىشى زۆرۈر بولغان قەلبى ئىبادەتلەرنى تەرك ئىتىش. شەھۋىتىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەۋرىتىمنىڭ ئاللاھ چەكلىگەن ئىشقا چۈشۈپ قىلىشىدىن ياكى مېنى زىناغا ئىلىپ بارىدىغان قاراش، سىلاش، مېڭىش ۋە كەسكىن ئىرادىگە كىلىش قاتارلىقلار. مۇشۇ بەرىكەتلىك دۇئادا ئاللاھ تائالا بىزگە نىمەت قىلىپ بەرگەن ئەزالارنى ساقلاش بايان قىلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى بۇ جايدا مۇشۇ نىمەتلەرنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھ بىلەن پاناھلىق تىلەشكە بۇيرىدى، ئى ئاللاھ! قۇلىقىمدىن پاناھ تىلەيمەن دەپ بۇ نىمەتلەردىن پاناھ تىلەشكە بۇيرىمىدى، چۈنكى بۇلار نىمەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنىدۇ، قۇلاق پاناھ تىلىنىدىغان يامانلىقنىڭ ئۆزى ئەمەس،لېكىن ئۇنىڭدىن پەيدا بولىدىغان يامانلىقتىن پاناھ تىلىنىدۇ، ئۇنى قوغداش ئۇنىڭ يارىتىلغان تەبىئىتىگە رىئايە قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن بىۋاستە ئاسىيلىق قىلماسلىق، ئۇنىڭ بىلەن رەزىللىكنى تارقاتماسلىق بىلەن بولىدۇ، چۈنكى قىيامەت كۈنى ئىنسان بۇ نېمەتلەردىن سوئال قىلىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ» سۈرە ئىسرا 36-ئايەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ