عن عائشة رضي الله عنها قالت: «اخْتَصَمَ سعد بن أبي وقاص، وعبد بن زَمْعَةَ في غلام: فقال سعد: يا رسول الله، هذا ابن أخي عتبة بن أبي وقاص، عهد إلي أنه ابنه، انظر إلى شبهه، وقال عبد بن زمعة: هذا أخي يا رسول الله، وُلِدَ على فِرَاشِ أبي من وَلِيدَتِهِ، فنظر رسول الله صلى الله عليه وسلم إلى شَبَهِهِ، فرأى شَبَهًا بَيِّنًا بعتبة، فقال: هو لك يا عبد بن زمعة، الولدُ لِلْفِرَاشِ ولِلْعَاهِرِ الحَجَرُ. واحْتَجِبِي منه يا سَوْدَةُ. فلم يَرَ سَوْدَةَ قَطُّ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ ئېيتتىكى: سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ۋە ئابدۇ ئىبنى زەمئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بىر بالا توغرۇلۇق تالىشىپ قالدى، سەئد ئېيتتى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بۇ مېنىڭ قېرىندىشىم ئوتبە ئىبنى ئەبى ۋەققاسنىڭ بالىسى، ئۇ ماڭا بۇ بالىنى ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، بۇنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشايدىغانلىقىغا قارىسىلا! ۋە ئابدۇ ئىبنى زەمئە ئېيتتى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بۇ مېنىڭ قېرىندىشىم، بۇ مېنىڭ دادامنىڭ تۆشەكىدە ئۇنىڭ دېدىكىدىن تۇغۇلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىنىڭ كىمگە ئوخشايدىغانلىقىغا قارىۋىدى، ئۇنىڭ ئوتبەگە ناھايىتى ئوچۇق ئوخشاپ تۇرغىنىنى كۆردى. ئاندىن دېدىكى: ئى ئابدۇ ئىبنى زەمئە ئۇ سىنىڭكى، بالا تۆشەككە تەۋە، زىناخورغا تاش ئېتىلىدۇ. ئى سەۋدە ئۇنىڭدىن يۆگۈنۈڭ! ئۇندىن كېيىن ئۇ سەۋدىنى قەتئىي كۆرۈپ باقمىدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
جاھىلىيەت دەۋرىدە دېدەكلەرگە باج قويۇشاتتى، بۇ پۇلنى ئۇلار زىنادىن تاپاتتى. ئەگەر بالا بولۇپ قالسا ۋە ئەر تەرەپ ئۇ بالىنى ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى داۋا قىلسا، بالىنى ئۇنىڭغا بېرەتتى. ئوتبە ئىبنى ئەبى ۋەققاس زەمئە ئىبنى ئەسۋەدنىڭ دېدىكى بىلەن زىنا قىلدى. ئۇ ئايال بىر بالا تۇغدى. ئوتبە قېرىندىشى سەئدكە بۇ بالىنى ئۆزىنىڭ نەسەبىگە قوشۇپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلدى. مەككە پەتھى قىلىنغاندا سەئد ئۇ بالىنى كۆردى ۋە قېرىندىشىغا ئوخشىغانلىقىدىن ئۇنى تونۇدى. شۇڭا ئۇ بالىنى قېرىندىشىنىڭ نەسەبىگە قوشۇپ قويۇشنى مەقسەت قىلدى. ۋە ئۇ بالا توغرۇلۇق ئابدۇبنى زەمئە بىلەن تالاشتى. سەئد ئۆزىنىڭ دەلىلى يەنى: ئۇنىڭ قېرىندىشى بۇ بالىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقىنى، ئوتتۇرىغا قويدى. ئابدۇ ئىبنى زەمئە: ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىم، دادامنىڭ دېدىكىدىن تۇغۇلغان، دېدى. يەنى ئۇنىڭ دادىسى بۇ بالىنى تۇغقان دېدەكنىڭ خوجايىنى، شۇنداقلا تۆشەكنىڭ ئىگىسى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىغا قارىدى، ئۇنىڭ ئوتبەگە ناھايىتى ئوچۇق ئوخشاپ تۇرغىنىنى كۆردى. ئەمما ئۇنى ئابدۇ ئىبنى زەمئەگە ھۆكۈم قىلىپ بەردى. ۋە بالا تۆشەككە تەۋە، زىناخور نومۇسسىزغا ئۈمىدسىزلىك ۋە زىيان لايىقتۇر. دېمەك؛ بۇ ئادەم بالىدىن يىراق تۇرىدۇ، دېدى. چۈنكى ئەسلى قائىدە: بالا، دېدەكنى توغرا يول بىلەن جىما قىلىش ھەققى بولغان خوجايىنغا مەنسۇپتۇر. لېكىن پەيغەمبىرىمىز بۇ بالىنىڭ ئوتبەگە قاتتىق ئوخشاپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەنلىكتىن، بۇ بالىنىڭ ئابدۇ ئىبنى زەمئەنىڭ سىڭلىسى سەۋدە بىنتى زەمئەگە قاراشنى بۇ نەسەب تۈپەيلىدىن ھالال قىلىشتىن ئېھتىيات قىلدى، شۇڭا بۇ قىزنى ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئۇ بالىدىن يۆگىنىشكە بۇيرىدى. دېمەك: نەسەب ئىشىدا، ئەگەر تۆشەك ئېنىق بولسا ئوخشاپ قېلىش قاتارلىق باشقا ئىشارەتلەر دەلىل بولالمايدۇ