عن أنس بن مالك رضي الله عنه قال: «من السنة إذا تَزَوَّجَ البِكْرَ على الثَّيِّبِ: أقام عندها سبعا ثم قَسَمَ. وإذا تَزَوَّجَ الثَّيِّبَ: أقام عندها ثلاثا ثم قَسَمَ». قال أبو قلابة:" ولو شِئْتُ لَقُلْتُ: إنَّ أَنَسًا رَفَعَهُ إلى النبي صلى الله عليه وسلم ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، سۈننەتتە، ئەگەر بىر كىشى بىر قىزنى چوكاننىڭ ئۈستىگە ئالسا، قىزنىڭ ياتىقىدا يەتتە كۈن تۇرۇپ ئاندىن كۈنلەرنى تەقسىم قىلىدۇ. ئەگەر چوكاننى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە ئالسا، ئۇنىڭ ياتىقىدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ ئاندىن كۈنلەرنى تەقسىم قىلىدۇ. (ئەبۇ قىلابە: ئەگەر خالىساڭ، ئەلۋەتتە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنىڭ رىۋايىتىنى پەيغەمبىرىمىزگە يەتكۈزگەن، دېسەڭ بولىدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

سۈننەتتە: ئەگەر بىر كىشى بىر قىزنى چوكاننىڭ ئۈستىگە ئالسا، قىزنىڭ ياتىقىدا يەتتە كۈن تۇرۇپ، ئۇنى كۆندۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ياتسىرىشىنى ۋە خىجىل بولىشىنى يوقىتىدۇ. ئاندىن كۈنلەرنى ئاياللىرىنىڭ ئارىسىدا باراۋەر تەقسىم قىلىدۇ. ئەگەر چوكاننى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە ئالسا، بۇ ئايالنىڭ يۇقىرىقى ئىشلارغا ھاجىتى ئاز بولغاندىكىن، ئۇنىڭ ياتىقىدا ئۈچ كۈن تۇرىدۇ. بۇ توغرا ھۆكۈم، رەسۇلۇللاھغا نىسبەت بېرىلگەن ھەدىستە بايان قىلىندى. چۈنكى راۋىلار سۈننەتنىڭ قاتارىدىن دېسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن باشقا نەرسىنى مەقسەت قىلمايدۇ. بۇ ھەدىس مەرفۇ، مەرفۇ قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى: سۆزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا نىسبەت بېرىش، دېگەنلىكتۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ