عن أبي ذر رضي الله عنه مرفوعًا: (ليس من رجل ادَّعَى لغير أبيه -وهو يعلمه- إلا كفر، ومن ادعى ما ليس له، فليس منا وَلَيَتَبَوَّأْ مَقْعَدَهُ من النار، ومن دعا رجلا بالكفر، أو قال: عدو الله، وليس كذلك، إلا حَارَ عليه).
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: دادىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، باشقا بىر ئادەمنى "بۇ مېنىڭ دادام" دەپ دەۋا قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ. ئۆزىنىڭ بولمىغان نەرسىنى مېنىڭكى دەپ دەۋا قىلغان كىشى بىزدىن (يەنى مۇسۇلمانلارىدىن) ئەمەس، ئۇنداق كىشى جەھەننەمدىن ئۆزىگە ئورۇن ھازىرلاپ قويسۇن!، كىمكى باشقا بىرىنى "كاپىر" ياكى "ئاللاھنىڭ دۈشمىنى" دېسە، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئادەم ئۇنداق بولمىسا، بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ئۆزىگە قايتىدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە بۇ ئۈچ ئىشنىڭ قايسى بىرىنى قىلغان كىشىگە قاتتىق تەھدىت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن، ئۇ ئۈچ ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلغان كىشىنىڭ ھالى نېمە بولا؟، بىرىنچىسى: ئۆز دادىسىنى بىلىدىغان، نەسەبى ئېنىق تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىپ، بىلمەسكە سېلىپ دادىسىدىن باشقا بىر كىشىنى دادام دېيىش ياكى قەبىلىسىدىن تېنىپ يات بىر قەبىلىگە قېتىلىۋېلىش، ئىككىنچىسى: ئۆزىنىڭ بولمىغان بىر نەسەبنى، مال-مۈلۈكنى، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى، بىلمىگەن ئىلىم-مەرىپەتنى، كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن ئۆزىدە يوق سۈپەت ۋە قابىلىيەتلەرنى يالغانچىلىق قىلىپ داۋا قىلىۋالسا، بۇ كىشىنىڭ ئازابى ناھايىتى قاتتىقتۇر، چۈنكى رەسۇلۇللاھ بۇ ئادەمدىن ئادا-جۇدا بولغان ۋە ئۇ دوزاخ ئەھلى بولغانلىقتىن ئۇنى دوزاختىن بىر ماكان تاللىۋېلىشىغا بۇيرۇغان. ئۈچىنچىسى: بىگۇناھ بىر كىشىنىكاپىر، يەھۇدى، ناسارا ياكى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى دەپ تۆھمەت قىلىش. بۇنداق قىلمىشلار ۋە سۆزلەر سۈپەتلىگەن كىشىدە بولمىسا ئۆزىگە قايتىدۇ، چۈنكى ئۇ يامان ئىش-ھەرىكەتلەردىن يىراق بىر مۇسۇلماندىن بۇ سۈپەتلەرگە ئەڭ ھەقلىق

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ