عن عبد الله بن عمر رضي الله عنها : أن رجلا اتهم امرأته بالزنا، ونفى كون ولدها منه في زمن رسول الله صلى الله عليه وسلم فأمرهما رسول الله صلى الله عليه وسلم فتلاعنا، كما قال الله تعالى، ثم قضى بالولد للمرأة، وفرق بين المتلاعنين
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بىر كىشى ئايالىنى «زىنا قىلدى» دەپ تۆھمەت قىلىپ، ئۇ ئايال تۇققان بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىگە تاندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككەيلەننى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغاندەك بىر-بىرىگە لەنەت قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇلار لەنەت قىلىشقاندىن كىيىن بالىنى ئانىسىغا بۇيرۇپ، لەنەت قىلىشقان ئىككەيلەننىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ۋەقەلىكنى بايان قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: بىر ئادەم ئايالىنى «زىنا قىلدى» دەپ تۆھمەت قىلىپ، ئۇ ئايالدىن تۇغۇلغان بالىدىن تېنىپ، ئادا-جۇدا بولدى، ئايالى بۇنى قوبۇل قىلماي، ئېرىنىڭ سۆزىنى يالغانغا چىقاردى، ئۇلار ئۆز-ئارا لەنەت قىلىشتى، ئالدى بىلەن ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئەيىپلىشىدە راسچىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ سۆزىگە تۆت قېتىم ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىپ، بەشىنچى قېتىمدا ئۆزىگە لەنەت قىلدى، ئاندىن ئايالى ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە تۆت قېتىم ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىپ، بەشىنچى قېتىمدا ئۆزىگە ئاللاھنىڭ غەزىپىنى تىلەپ دۇئا قىلدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لەنەت ئېيتىش تۈگىگەندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئارىسىنى مەڭگۈلۈك ئايرىۋەتتى، بالىنى ئايالغا تەۋە، ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىپ، ئەردىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا مەنسۈپ بولمايدىغان قىلىپ ھۆكۈم قىلدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش