عن عبدالله بن عمر رضي الله عنهما أن النبي صلى الله عليه وسلم عامل أهل خيبر بِشَطْرِ ما يخرج منها من ثَمَرٍ أو زرع.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەر ئەھلىنى ئۆز زېمىنىدىن چىقىدىغان خورما ياكى زىرائەتلەرنىڭ تەڭ يېرىمىنى تۆلەشكە پۈتۈشتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

خەيبەر زىرائەت رايونى بولۇپ، ئۇ يەردە يەھۇدىلاردىن بىر گۇرۇھ ياشايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ يەرنى ھىجرەتنىڭ يەتتىنچى يىلى پەتھى قىلىپ ئۇنىڭ زېمىنى ۋە ئېتىزلىقلىرىنى جىھادقا ئىشتىراك قىلغۇچى مۇسۇلمانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەندە، ئۇلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بىرەلمىدى، يەنە كىلىپ خەيبەر يەھۇدىلىرى بۇلارغا قارىغاندا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ياخشىراق بىلەتتى، چۈنكى ئۇلار دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا كۆپ تەجرىبىگە ئىگە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ زېمىنىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنى بولغان يەھۇدىلارنىڭ، ئۇ يەردە زىرائەتلەرنى تېرىپ، دەرەخلەرنى سۇغۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشىنى، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى بەدىلىگە تىرىلغۇ يەردىن چىققان مول ھوسۇلنىڭ يىرىمىنى بېرىشنى، مۇسۇلمانلار بۇ يەرنىڭ ھازىرقى ئىگىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن يېرىمىنى ئىلىشىنى قارار قىلدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش