قوشۇمچە ئەسەرلەر

ھەدىسلەر تىزىملىكى

ئى قەلىبلەرنى ئۆزگەركۈچى زات! مېنىڭ قەلبىمنى ئۆزەڭنىڭ دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى
ئى ئاللاھ بارلىق ئىشلىرىمنىڭ تۇتقىسى بولغان دىنىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، ياشاش ئاساسىم بولغان دۇنيارىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، بارلىق ياخشىلىقتا ماڭا ھاياتلىقنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، بارلىق يامانلىقتىن ماڭا ئۆلۈمنى راھەت قىلىپ بەرگىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى
ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى، بىلىمسىزلىكىمنى، ئىشلىرىمدا ئاشۇرۋەتكەنلىكىمنى ۋە مەندىكى پەقەت سەنلا بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى
ئى ئاللاھ، دىنىم ۋە دۇنيالىقىمدا، ئائىلەم ۋە مال-مۈلكۈمدە سالامەتلىك تىلەيمەن، نوقسانلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمدىن خاتىرجەم قىلغىن، مېنى ئالدى-ئارقامدىن، ئوڭ-سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستۈمدىن قوغدىغىن، بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ماڭا ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەست قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئەي ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى
?ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھ كاتتىدۇر، جىمى ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، غالىب، ھېكمەتلىك ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى
مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا دۇئا ئۈگۈتۈپ قويسىلا! دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! سەن بىلەن قۇلىقىم، كۆزۈم، تىلىم، قەلبىم ۋە شەھۋىتىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېگىن» دېدى
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى
مەن ساڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ماڭا ئۈگۈتۈپ قويغان سۆزلەرنى ئۈگۈتۈپ قويايمۇ؟، تاغدەك قەرزىڭ بولسىمۇ ئاللاھ قەرزىڭنى ئادا قىلىپ بېرىدۇ، سەن: «ئى ئاللاھ! ھالال رىزقىڭ ئارقىلىق مىنى ھارامدىن ساقلىغىن، ئۆز مەرھىمىتىڭ بىلەن سەندىن باشقىدىن بىھاجەت قىلغىن» دېگىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى
ئى ئاللاھ، مەن سىلى بىلەن دوزاخنىڭ پىتنىسىدىن، دوزاخنىڭ ئازابىدىن، بايلىق ۋە كەمبەغەللىكنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى
ئۈزۈڭگە تەقۋادارلىقنى ھەمرا قىلغىن، ھەر بىر تۆپىلىككە چىققىنىڭدا "ئاللاھۇ ئەكبەر" دەپ تەكبىر ئېيتقىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى
پەرۋەردىگارىم!، ماڭا ياردەم بەرگىن، زىيىنىمغا ياردەم بەرمىگىن، ماڭا مەدەت بەرگىن، زىيىنىمغا مەدەت بەرمىگىن، ماڭا تەدبىر بەرگىن، زىيىنىمغا تەدبىر بەرمىگىن، ماڭا ھىدايەت بەرگىن، ماڭا ھىدايەتنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرگىن، ماڭا زۇلۇم قىلغۇچىغا قارشى ياردەم بەرگىن
عربي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى