عن علي - رضي الله عنه-: أن مُكَاتَبًا جاءه فقال: إني عَجَزْتُ عن كتابتي فَأَعِنِّي، قال: ألا أعلمك كلمات عَلَّمَنِيهِنَّ رسولُ الله صلى الله عليه وسلم لو كان عليك مثلَ جبلٍ دَيْنًا أَدَّاهُ الله عنك؟ قل: «اللهم اكْفِنِي بحلالك عن حرامك، وأَغْنِنِي بفضلك عَمَّنْ سِوَاكَ».
[حسن] - [رواه الترمذي وأحمد]
المزيــد ...

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇنىڭ يېنىغا بىر توختاملىق قۇل كىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن توختامنى پۈتتۈرۈشتىن ئاجىز كەلدىم، ماڭا ياردەم قىلغىن، دېگەندە. ئۇنىڭغا ئەلى: مەن ساڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ماڭا ئۈگۈتۈپ قويغان سۆزلەرنى ئۈگۈتۈپ قويمايمۇ؟، تاغدەك قەرزىڭ بولسىمۇ ئاللاھ قەرزىڭنى ئادا قىلىپ بېرىدۇ، سەن: «ئى ئاللاھ! ھالال رىزقىڭ ئارقىلىق مىنى ھارامدىن ساقلىغىن، ئۆز مەرھىمىتىڭ بىلەن سەندىن باشقىدىن بىھاجەت قىلغىن»دېگىن! دېدى
ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە بىر توختاملىق قۇل-يەنى خوجىسىغا مەلۇم مىقداردا پۇلنى بۆلۈپ تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئازادلىقىنى سېتىۋىلىشقا كىلىشىم قىلغان، لېكىن تۆلەيدىغان پۇلنى تاپالمىغان قۇل، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ يېنىغا كىلىپ، قەرزىنى تۈگىتىشىگە ياردەم سورىغان، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا شەرئى بىر چىقىش يولىنى كۆرسۈتۈپ قويغان، ئۇ ئىخلاس بىلەن قىلسا تاغدەك قەرزى بولسىمۇ ئاللاھ ئادا قىلىپ بېرىدىغان، رەسۇلۇللا ئۇنىڭغا ئۈگۈتۈپ قويغان دۇئا ئىدى،.ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: «ئى ئاللاھ! ھالال رىزقىڭ ئارقىلىق مېنى ھارامدىن ساقلىغىن، ئۆز مەرھىمىتىڭ بىلەن سەندىن باشقىدىن بىھاجەت قىلغان» دېگىن! دېگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ