عن سعد بن أبي وقاص رضي الله عنه قال: جاءني رسول الله صلى الله عليه وسلم يَعُودُنِي عام حَجَّةِ الوداع من وَجَعٍ اشْتَدَّ بي، فقلت: يا رسول الله، قد بلغ بي من الوَجَعِ ما ترى، وأنا ذو مال، ولا يَرِثُنِي إلا ابنةٌ أَفَأَتَصَدَّقُ بثلثي مالي؟ قال: لا، قلت: فالشَّطْرُ يا رسول الله؟ قال: لا، قلت: فالثلث؟ قال: الثلث، والثلث كثير، إنك إن تَذَرَ وَرَثَتَكَ أغنياء خيرٌ من أن تَذَرَهُم عالَةً يَتَكَفَّفُونَ الناس، وإنك لن تنفق نفقة تبتغي بها وجه الله إلا أُجِرْتَ بها، حتى ما تجعل في فِيْ امرأتك. قال: قلت: يا رسول الله أُخَلَّفُ بعد أصحابي؟ قال: إنك لن تُخَلَّفُ فتعمل عملا تبتغي به وجه الله إلا ازْدَدْتَ به درجة ورِفْعَةً، ولعلك أن تُخَلَّفَ حتى ينتفع بك أقوام، ويُضَرُّ بك آخرون. اللهم أَمْضِ لأصحابي هجرتهم، ولا تَرُدَّهُم على أَعْقَابِهِم، لكنِ البَائِسُ سعد بن خَوْلَةَ (يَرْثِي له رسول الله صلى الله عليه وسلم أن مات بمكة).
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەج ۋىدا قىلغان يىلى مەن ئېغىر كېسەل بولۇپ ياتقىنىمدا مېنى يوقلاپ كەلدى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ كۆرۈپ تۇرۇپلا مەن ئېغىر كېسەلدە تۇرۇپتىمەن، مېنىڭ ئېقتىسادىم بار ئادەم، ماڭا پەقەت بىرلا قىز ماڭا مىراسخور بولىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن مېلىمنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسمىنى سەدىقە قىلايمۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ياق، دېدى. مەن: يېرىمىنى سەدىقە قىلسام بولامدۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ياق، دېدى. مەن: ئۈچتەن بىرىنى سەدىقە قىلسامچۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ئۈچتەن بىرىنى قىل، ئەسلى ئۈچتەن بىرىمۇ كۆپ، مىراسخورلىرىڭنى باي ھالدا قويغۇنۇڭ ئۇلار كىشىلەردىن سەدىقە تىلەيدىغان دەرجىدە كەمبەغەل قويغۇنۇڭدىن ياخشى، سەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىت قىلىپ نېمىنى چىقىم قىلساڭ ساۋابقا ئېرشىسەن، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا بىر لوقما تاماق سەپ قويساڭمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجرىگە ئېرشىسەن، دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ ھەمراھلىرىم مەدىنىگە كەتتى، مەن ماڭالماي قېلىپ قالدىم، دېسەم. رەسۇلۇللاھ: سەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىت قىلىپ قانداق بىر ئىشنى قىلساڭ ئاخىرەتتە دەرىجە مەرتىۋەڭ ئۆسىدۇ، مەككىدە قېلىپ قېلىشىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار سەندىن مەنپەتلىنىپ، كاپىرلار سەندىن ئەرزىيەتكە ئۈچرىشى مۈمكىن، دەپ رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرگە دۇئا قىلدى: ئى ئاللاھ ساھابىلەرنىڭ ھىجرىتىنى تاماملىسىلا ۋە ئۇنى قوبۇل قىلسىلا! ئۇلارنى كەينىگە قايتۇرۋەتمىسىلە! بىراق بىچارە سەئد ئىبنى ئەبى خەۋلە، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ مەككىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىچ ئاغرىتقان
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەججەتۇل ۋىدادا ئېغىر بىتاپ بولۇپ يېتىپ قالدى ۋە ئۇ ئۆلۈپ كىتىشتىن ئەنسىرىدى. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى يوقلاپ كەلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى ھەر مۇناسىۋەتلەردە يوقلاپ تۇراتتى. سەئد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسمىنى سەدىقە قىلىۋىتىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئى رەسۇلۇللاھ مېنىڭ كېسىلىم ئېغىرلىشىپ قالدى، بۇ كېسەلدە ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن، مەن بىر ئىقتىساد ئىگىسى، شۇنداقلا مېنىڭ بىر قىزىمدىن باشقا ھالىدىن ئەنسىرەيدىغان كۆپ مىراسخورلۇرۇم يوق. بۇنداق بولغان ئىكەن ئاخىرەتلىكنى كۆزلەپ ئىقتىسادىمنىڭ ئۈچتەن ئىككىىسىنى سەدىقە قىلسام بولامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ياق، دېدى. سەئد: ئۇنداقتا ئى رەسۇلۇللاھ يېرىمىنى سەدىقە قىلسامچۇ؟ دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: ياق، دېدى. سەئد: ئۈچتەن بىرىنى سەدىقە قىلسامچۇ؟ دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: گەرچە ئۈچتەن بىرى كۆپ بولسىمۇ ئۇنچىلىك سەدىقە قىلساڭ بولىدۇ، دېدى. ئەمما تورتتەن بىرى ياكى بەستەن بىرىنى سەدىقە قىلىپ قالغىنىنى باللىرىڭغا قالدۇرۇشۇڭ ئەۋزەل، دېدى. ئاندىن ئۇنى يەنى كۆپنى قالدۇرۇپ ئازنى سەدىقە قىلىشنىڭ ھىكمىتىنى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەپسىلى بايان قىلىپ بەردى. 1- باللىرىنى باشقىلارنىڭ خەيرى ئېھسانىغا تايىنىپ ياشايدىغان ھالدا قالدۇرغاندىن، مال-مۈلكىنى ئۇلارغا قالدۇرۇپ پەرزەنىتلىرىنى كىشىلەرگە مۇھتاج قىلمىغان ئەۋزەل، دېدى. 2- مال-مۈلىكىنى پەرزەنىتلىرىگە قالدۇرغاندا ئۇلار شەرىئەت كۆرسەتكەن يوللارغا چىقىم قىلسا، ھەتتاكى ئۆزىنىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ بولغان نەپىقىلەرگە چىقىم قىلسىمۇ، ئايالىغا نەپىقە بەرسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجرىگە ئېرشىدۇ، دېدى. ئاندىن سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەپ تەرك ئەتكەن ۋە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كەتكەن مەككە شەھرىدە ئۆلۈپ كېتپ ھىجرەتنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەئدىگە بۇ يەردە سەن ئىختىيارسىز قېلىپ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قانداق بىر ياخشى ئىشنى قىلساڭ ئاخىرەتتە دەرىجەڭ ئۆسىدۇ، دەپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ كېسىلى شىپا تاپىدىغانلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر بىرىپ، ئاللاھ تائالا سەئد ئارقىلىق مۆئمىنلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، كاپىرلارغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى دېدى. خۇددى راسىت سۆزلۈگۈچى ۋە راست سۆز كەلتۈرۈلگۈچى زات خەۋەر بەرگەندەك سەئد كېسەلدىن ساقىيىپ پارىسلار بىلەن بولغان جەڭگە باش قۇماندان بولدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا پايدا يەتكۈزدى، ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق كۆپ شەھەرلەر پەتھى قىلىپ مۇشرىكلار ۋە شېرىك ئەقىدىلەرنى يوقاتتى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالادىن بارلىق ساھابىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىش، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى دىندىن ۋە ھىجرەت قىلىپ چىققان يۇرۇتتىن قايتۇرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن دۇئا قىلدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. بارلىق ھەمدۇ-سانا ۋە مىننەت ئاللا تائالاغا مەنسۈپ، ئۇلار بىلەن ئىسلامنى ئەزىز قىلغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن. ئاندىن سەئد ئىبنى خەۋلەنى تىلغا ئالدى، ئۇ بۇرۇنلا مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلاردىن بولۇپ ئەمدىلىكتە مەككىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ مەككىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىچ ئاغرىتقان. ساھابىلار مۇھاجىرلارنىڭ مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئۇ يەرگە كېلىپ ئۆلۈپ كېتىشىنى ئېغىر سانايتتى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش