عن ابن عباس رضي الله عنهما ، قال: كان النبيُّ صلى الله عليه وسلم يدعو: «ربِّ أَعِنِّي ولا تُعِن عليَّ، وانصرني ولا تنصر عليَّ، وامكر لي ولا تمكر عليَّ، واهدني ويسِّر هُدايَ إليَّ، وانصرني على مَن بغى عليَّ، اللهم اجعلني لك شاكرًا، لك ذاكرًا، لك راهبًا، لك مِطواعًا، إليك مُخْبِتًا، أو مُنِيبا، رب تقبَّل توبتي، واغسل حَوْبتي، وأجب دعوتي، وثبِّت حُجَّتي، واهدِ قلبي، وسدِّد لساني، واسْلُلْ سَخِيمةَ قلبي».
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي وابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلىپ: «پەرۋەردىگارىم!، ماڭا ياردەم بەرگىن، زىيىنىمغا ياردەم بەرمىگىن، ماڭا مەدەت بەرگىن، زىيىنىمغا مەدەت بەرمىگىن، ماڭا تەدبىر بەرگىن، زىيىنىمغا تەدبىر بەرمىگىن، ماڭا ھىدايەت بەرگىن، ماڭا ھىدايەتنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرگىن، ماڭا زۇلۇم قىلغۇچىغا قارشى ياردەم بەرگىن، ئى ئاللاھ! مېنى ساڭا شۈكۈر قىلغۇچى، زىكىر ئېيتقۇچى، سەندىن قورۇققۇچى، ساڭا بويسۇنغۇچى، ساڭا باش ئەگكۈچى، ساڭا قايتقۇچى قىلغىن، پەرۋەردىگارىم!، تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن، گۇناھىمنى يۇيغىن، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن، ھۆججىتىمنى مۇستەھكەم قىلغىن، دىلىمنى ھىدايەت قىلغىن، تىلىمنى توغرىلىغىن، دىلىمنىڭ قارىسىنى چېقىرىۋەتكىن» دەيتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلىپ مۇنداق دەيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ياردەم بەرگىن، يەنى: مېنى ساڭا زىكىر ئېيتىشقا، شۈكۈر قىلىشقا ۋە ئىبادەتلىرىنى ياخشى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، «مېنىڭ زىيىنىمغا ياردەم بەرمىگىن»، يەنى: ئىنسان، جىن ۋە شەيتانلاردىن مېنى ساڭا ئىتائەت قىلىشتىن چەكلەيدىغانلارنى ماڭا غەلىبە قىلدۇرمىغىن. «ماڭا مەدەت بەرگىن، مېنىڭ زىيىنىمغا مەدەت بەرمىگىن»، يەنى: كاپىرلارغا قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن، ئۇلارنى ماڭا غالىپ قىلمىغىن ياكى: نەپسىمگە غەلىبە قىلىشىمغا ياردەم بەرگىن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىم، مەن خاھىشىمغا ئەگىشىپ، ھىدايەتنى تاشلىماسلىقىم ئۈچۈن، مىنى يامانلىققا بۇيرىيدىغان نەپىسنىڭ ماڭا غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بەرمىگىن. «ماڭا تەدبىر بەرگىن، مېنىڭ زىيىنىمغا تەدبىر بەرمىگىن»، يەنى: ماڭا مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنى ئۇلار تۇيمىغان ھالەتتە مەغلۇب قىلىدىغان تەدبىر ئاتا قىلغىن، ماڭا ئۇنداق قىلمىغىن. تەدبىر قىلىش دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەرىكەت سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، ئاللاھ بۇ سۈپەت بىلەن كاپىرلارغا ۋە مۆمىنلەرگە ھىلە ئىشلىتىدىغانلارغا تەدبىر قىلغىنىغا ئوخشاش پەقەت مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇندىلا سۈپەتلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ سۈپەتنى ئۆزىگە ئىسپاتلىغانلىقى ئۈچۈن، بىزمۇ ئۇنى ئاللاھقە لايىق ھالەتتە ئىسپاتلايمىز، ئۇنىڭدىن بۇ سۈپەتنى ئىنكار قىلىش توغرا ئەمەس. «ماڭا ھىدايەت بەرگىن، ماڭا ھىدايەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن»، يەنى: مېنى ياخشىلىققا باشلىغىن، تائەت قېيىن تۇيۇلۇپ، ئىبادەتتىن قالماسلىقىم ئۈچۈن ھىدايەتكە ئەگىشىشنى ياكى ھىدايەتنىڭ يوللىرىنى ماڭا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن، «ماڭا زۇلۇم قىلغۇچىغا قارشى ياردەم بەرگىن»، يەنى: «ماڭا تاجاۋۇز قىلغان ۋە زۇلۇم قىلغان كىشىلەرگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن»، ئى ئاللاھ! مېنى نېمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلغۇچى، ھەممە ۋاقىت ساڭا زىكىر ئېيتقۇچى، قېيىنچىلىق-خۇرسەنلىكتە سەندىن قۇرۇققۇچى، تائەت-ئىبادەت بىلەن ساڭا بەك بويسۇنغۇچى، سەندىن ئەيمەنگۈچى، گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن ئىتائەت قىلىشقا قايتىپ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن قىلغىن، ئى پەرۋەردىگارىم! تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن، تەۋبىنىڭ ھەممە شەرتلىرى تولۇقلانغان، ئەدەپلىرى جۇغلانغان قىلغىن، چۈنكى ئۇنداق تەۋبە رەت قىلىنمايدۇ، گۇناھىمنى ئۆچۈرگىن، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن، ھۆججىتىمنى دۇنيادا دۈشمەنلىرىڭ ئۈستىدىن مۇستەھكەم قىلغىن ياكى دۇنيادا ۋە ئىككى پەرىشتىگە جاۋاپ بېرىدىغان ۋاقىتتا سۆزۈم ۋە تەسدىقىمنى مۇستەھكەم قىلغىن، دىلىمنى ھىدايەت قىلغىن، تىلىمنى توغرىلىغىن، يەنى: تىلىمنى راست سۆزلەيدىغانغا ۋە ھەقنى سۆزلەيدىغانغا توغرىلىغىن. «دىلىمنىڭ قارىسىنى چىقىرىۋەتكىن» يەنى: ئالداش، خىيانەت، ئۆچمەنلىك ۋە ھەسەتخورلۇق دېگەندەك ئىنساننىڭ كۆڭلىدە پەيدا بولۇپ، دىلىغا ئورناپ قالىدىغان نەرسىلەرنى چىقىرىۋەتكىن»دەيتتى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ