عن أبي هريرة رضي الله عنه ، قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «لما خلق اللهُ آدمَ مسح ظهره، فسقط من ظهره كل نَسَمة هو خالقها من ذُرِّيته إلى يوم القيامة، وجعل بين عيني كل إنسان منهم وَبِيصًا من نور، ثم عرضهم على آدم فقال: أي رب، مَن هؤلاء؟ قال: هؤلاء ذريتك، فرأى رجلا منهم فأعجبه وَبِيصُ ما بين عينيه، فقال: أي رب مَن هذا؟ فقال: هذا رجل من آخر الأمم من ذُرِّيتك يقال له: داود. فقال: رب كم جعلتَ عُمُرَه؟ قال: ستين سنة، قال: أي رب، زِده من عُمُري أربعين سنة. فلما قضي عمر آدم جاءه مَلَكُ الموت، فقال: أوَلَم يبقَ من عمري أربعون سنة؟ قال: أوَلَم تُعْطِها ابنَك داود قال: فجَحَدَ آدمُ فجحدت ذُرِّيتُه، ونسي آدمُ فنسيت ذُرِّيتُه، وخَطِئ آدم فخَطِئت ذُرِّيتُه».
[صحيح] - [رواه الترمذي]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقاندا دۈمبىسىنى سىيلىغان ئىدى، دۈمبىسىدىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تاكى قىيامەتكىچە يارىتىدىغان پۈتۈن نەسلىنىڭ روھلىرى چۈشتى، ئاللاھ ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقىغا پارقىراپ تۇرىدىغان نۇر قىلىپ، ئاندىن ئۇلارنى ئادەمگە كۆرسەتتى، ئادەم: ئى پەرۋەردىگارىم! بۇلار كىملەر؟ دەپ سورىۋىدى، ئاللاھ تائالا: ئۇلار سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ،-دېدى، ئادەم ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنى كۆردى، ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى پارقىراق نۇر ئۇنى قىزىقتۇردى، ئۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! بۇ كىم؟ دەپ سورىدى، ئاللاھ: بۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئاخىرقى ئۈممەتلەر ئىچىدە كېلىدىغان داۋۇد ئىسىملىك كىشى بولىدۇ،-دېدى، ئۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭ ئۆمرىنى قانچىلىك قىلدىڭ؟ دەپ سورىدى، ئاللاھ: 60 يىل،-دېدى، ئادەم: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭغا مېنىڭ ئۆمرۈمدىن 40 يىل قېتىپ بەرگىن،-دېدى. ئادەمنىڭ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىپ، ئۆلۈم پەرىشتىسى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ: مېنىڭ ئۆمرۈمدىن يەنە 40 يىل قالمىدىمۇ؟-دەپ سورىدى، پەرىشتە: سەن ئۇنى پەرزەنتىڭ داۋۇتقا بېرىۋەتمىدىڭمۇ؟ دېگەندە، ئادەم ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن تىنىۋالدى، شۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ ئەۋلادىمۇ تاندى، ئادەم ئۇنۇتقان ئىدى، ئەۋلادىمۇ ئۇنۇتتى، ئادەم خاتالاشقان ئىدى، ئەۋلادىمۇ خاتالاشتى» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقاندا دۈمبىسىنى سىيلىۋىدى، ئۇنىڭدىن ئاللاھ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تاكى قىيامەتكىچە يارىتىدىغان پۈتۈن نەسلىنىڭ روھلىرى چىقتى، بۇ ئىبارىدىكى سىيلاش ۋە چىقىش ھەقىقى مەنىدە بولۇپ، ئۇ ئەھلى سۈننەت چۈشەنچىسىدۇر، ئۇنى ئاشكارا مەنىسىدىن باشقا مەنىلەرگە قارىتىش توغرا ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنى ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن چىقارغاندا، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقىغا پارقىراپ تۇرىدىغان نۇرنى قىلىپ، ئاندىن ئۇلارنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا كۆرسەتتى، ئادەم ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم! بۇلار كىملەر؟ دەپ سورىۋىدى، ئاللاھ تائالا: ئۇلار سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ،-دېدى، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر كىشىنى كۆردى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئارىسىدىكى پارقىراق نۇر ئۇنى قىزىقتۇردى، ئۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! بۇ كىم؟ دەپ سورىدى، ئاللاھ تائالا: بۇ داۋۇد،-دېدى، ئۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭ ئۆمرىنى قانچىلىك قىلدىڭ؟ دەپ سورىدى، ئاللاھ تائالا: 60 يىل،-دېدى، ئادەم ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭغا ئۆمرۈمدىن 40 يىل قېتىپ بەرگىن،-دېدى. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆمرى توشۇپ، پەقەت 40 يىل قالغاندا، ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۇنى ۋاپات تاپقۇزۇش ئۈچۈن يېتىپ كەلدى، ئۇ: مېنىڭ ئۆمرۈمدىن يەنە 40 يىل قالمىدىمۇ؟ دەپ سورىدى، پەرىشتە: سەن ئۇنى پەرزەنتىڭ داۋۇتقا بېرىۋەتمىدىڭمۇ؟ دېگەندە، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا تىنىۋالدى، چۈنكى ئۇ ئاتوم ئالەمىدە يۈز بەرگەن بولغاچقا، ئۇنى ئۆلۈم پەرىشتىسى كەلگەندە ئەسلىيەلمىدى، شۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ ئەۋلادىمۇ تاندى، ئادەم ئۇنۇتقان ئىدى، ئەۋلادىمۇ ئۇنۇتتى، ئادەم دەرەختىن يېيىش ئارقىلىق خاتالاشقان ئىدى، ئەۋلادىمۇ خاتالاشتى، چۈنكى بالا دادىسىغا ئوخشايدۇ. داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېزىلغان ئۆمرى 60 يىل بولۇپ، ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆمرىگە 40 يىل قوشۇپ بەردى، ئاللاھ تائالا ئىلگىرى بولغان، كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى، يۈز بەرمىگەن ۋە يۈز بەرسە قانداق شەكىلدە بولىدىغانلىقىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا بەلگىلەپ بەرگەن ۋە قوشۇپ بېرىدىغان ئۆمۈرنى بىلىدۇ، پەرىشتىلەر بولسا پەقەت ئاللاھ بىلدۈرگەننى بىلىدۇ، ئاللاھ ئىشلارنى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە يۈز بەرگەندىن كېيىن بىلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار: ئۆمۈردىن ئېلىۋېتىش ۋە قوشۇش ئىشلىرى پەرىشتىلەرنىڭ كىتابلىرىدا بولىدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىدە ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى بىلمىگەن نەرسە ئاشكار بولىدىغان ئىش يوق، شۇڭا ئۇنىڭدا ئۆچۈرۈش ۋە بېكىتىش مەۋجۇت ئەمەس،- دېگەن