عَنْ أَنَسٍ رضي الله عنه قَالَ:
كَانَ أَكْثَرُ دُعَاءِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «اللَّهُمَّ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً، وَفِي الآخِرَةِ حَسَنَةً، وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 6389]
المزيــد ...

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئەي ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 6389]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام لەپزى قىسقا، كۆپ مەنالارنى ئۆز ئېچىگە ئالغان دۇئالارنى كۆپ قىلاتتى. ئۇ دۇئالاردىن: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» بۇ دۇئا دۇنيانىڭ ياخشىلىقلىرىدىن بولغان: ھالال كەڭرى رىزىق، سالىھە ئايال، كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغان، راھەتلىنىدىغان پەرزەنت، مەنپەئەتلىك ئىلىم، ياخشى ئەمەل قاتارلىق دۇرۇس بولغان ۋە ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن: قەبىردىكى، قىيامەت مەيدانىدىكى ۋە دوزاختىكى ئازاپلاردىن سالامەت قىلىش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش، دائىملىق نېمەتلەر بىلەن ئۇتۇق قازىنىش، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان مېھرىبان ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش قاتارلىقلاردۇر.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلىك يۈزىسىدىن كۆپ مەنالارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان دۇئالارنى قىلىش ياخشى بولىدۇ.
  2. ئىنسان قىلغان دۇئاسىدا دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنىڭ ئارىسىنى جۇغلىسا ئەڭ مۇكەممەل بولىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (56)
تېخىمۇ كۆپ