عَنْ شَدَّادِ بْنِ أَوْسٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«سَيِّدُ الِاسْتِغْفَارِ أَنْ تَقُولَ: اللَّهُمَّ أَنْتَ رَبِّي لاَ إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ، خَلَقْتَنِي وَأَنَا عَبْدُكَ، وَأَنَا عَلَى عَهْدِكَ وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ، أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا صَنَعْتُ، أَبُوءُ لَكَ بِنِعْمَتِكَ عَلَيَّ، وَأَبُوءُ لَكَ بِذَنْبِي فَاغْفِرْ لِي، فَإِنَّهُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا أَنْتَ» قَالَ: «وَمَنْ قَالَهَا مِنَ النَّهَارِ مُوقِنًا بِهَا، فَمَاتَ مِنْ يَوْمِهِ قَبْلَ أَنْ يُمْسِيَ، فَهُوَ مِنْ أَهْلِ الجَنَّةِ، وَمَنْ قَالَهَا مِنَ اللَّيْلِ وَهُوَ مُوقِنٌ بِهَا، فَمَاتَ قَبْلَ أَنْ يُصْبِحَ، فَهُوَ مِنْ أَهْلِ الجَنَّةِ».

[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

شەدداد بىن ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
ئىستىغپارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى:«ئەي ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىم، سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق مەبۇد يوق، سەن مېنى پەيدا قىلدىڭ، مەن سېنىڭ قۇلۇڭ، مەن ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە، ئەھدەمگە كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئەمەل قىلىمەن، قىلغان ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېمىتىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھ-خاتالىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن باشقا ھېچ كىشى مەغپىرەت قىلالمايدۇ» دېيىشتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىستىپارنى كۈندۈزدە چىن دىلى بىلەن ئىشىنىپ دەپ شۈ كۈنى كەچ كېرىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى، جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ، بۇ ئىستىپارنى كېچىدە چىن دىلى بىلەن ئىشىنىپ دەپ شۈ كېچىسى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى، جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىستىغپارنىڭ شەكىللىرىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە كاتتىسىنىڭ مۇنداق دېيىش بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ: « ئەي ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىم، سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق مەبۇد يوق، سەن مېنى پەيدا قىلدىڭ، مەن سېنىڭ قۇلۇڭ، مەن ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە، ئەھدەمگە كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئەمەل قىلىمەن، قىلغان ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېمىتىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھ-خاتالىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن باشقا ھېچ كىشى مەغپىرەت قىلالمايدۇ» ئالدى بىلەن بەندە ئاللاھنىڭ بىرلىكى يەككە-يىگانە ئىكەنلىكى، ياراتقۇچى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھېچ قانداق شېرىكى يوق، ھەق مەبۇد ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بەرگەن ۋەدىسىگە كۈچىنىڭ يېتىشچە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، چۈنكى بەندە تائەت-ئىبادەتلەرنى ھەر قانچە كۆپ ئادا قىلسىمۇ ئاللاھ تائالا بۇيرىغاننىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئادا قىلىشقا ۋە نېمەتلەردىن شۈكۈر ئېيتىش ۋاجىپ بولغان ھەممە پەرز، ۋاجىپلارنى تولۇق ئادا قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ، ئۇ كىشى ئاللاھقا يېلىنىدۇ، يالۋۇرىدۇ، ئاللاھ بىلەن كۈچلىنىدۇ، ئۆزى قىلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيدۇ. بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرىنى بىلىدۇ ۋە ئېتىراپ قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ خاتالىقى ۋە گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا قىلىنغان مۇشۇ ۋاسىتىدىن كېيىن، رەببىگە دۇئا قىلىپ، ئۆزىنى مەغپىرەت قىلىشنى، خاتالىقلىرىنى يېپىشنى، ئۆزىنىڭ پەزلى، رەھمىتى ۋە ئەپۇچانلىقى بىلەن خاتالىقنىڭ جازاسىدىن ساقلىشىنى سورايدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئىستىغپار دۇئاسىنىڭ ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك زىكىرلەردىن ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بۇ ئىستىغپار دۇئاسىنى چىن دىلىدىن مەنالىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئىشىنىپ، كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە دېسە، يەنى كۈن چىققاندىن تاكى كۈن پاتقۇچە بولغان ئارىلىقتا دېسە-بۇ كۈندۈز ۋاقتى ھېساپلىنىدۇ- شۇ ئارىدا ۋاپات بولسا جەننەتكە كېرىدۇ. كېچىدە دەپ، ئۇ ۋاقىت: كۈن پاتقاندىن باشلاپ تاڭ يورىغىچە بولغان ئارىلىق ، تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولسا، جەننەتكە كېرىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىستىغپارنىڭ شەكىللىرى تۈرلۈك بولۇپ ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن پەزىلەتلىك بولىدۇ.
  2. ئىنسان مۇشۇ دۇئا بىلەن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشى كېرەك، چۈنكى بۇ ئىستىغپارلارنىڭ ئۇلۇغىدۇر.
تېخىمۇ كۆپ