عن النعمان بن بَشِير رضي الله عنه قال: سمعت النبيَّ صلى الله عليه وسلم يقول:
«الدُّعَاءُ هُوَ الْعِبَادَةُ»، ثُمَّ قَرَأَ: «{وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ} [غافر: 60]».
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي وابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...
نۇمان بىن بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:
«دۇئا ئىبادەتتۇر» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «(دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ» [سۈرە غاپىر 60-ئايەت].
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئانىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق دۇئانى تەلەپ بولسۇن ياكى بىر نەرسە سوراش بولسۇن خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش، ئاللاھ تائالادىن دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى سوراش، زىيانلىق بولغان نەرسىلەردىن ساقلىنىشنى تىلەش كېرەك. دۇئا ئىبادەت بولغان ئىكەن، ئۇ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ئاشكارا-يوشۇرۇن بولسۇن، قەلبى ئىبادەت ياكى بەدەنى ئىبادەت بولسۇن ياكى مالىي ئىبادەت بولسۇن ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى دەلىل قىلدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «(دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ».