عن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«لَيْسَ شَيْءٌ أَكْرَمَ عَلَى اللهِ تَعَالَى مِنَ الدُّعَاءِ».
[حسن] - [رواه الترمذي وابن ماجه وأحمد] - [سنن الترمذي: 3370]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا دۇئادىنمۇ ئېسىل بىر نەرسە يوق».
[ھەسەن] - [تىرمىزى،ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان] - [سۈنەن تىرمىزى - 3370]
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئىبادەتلەرنىڭ ئېچىدە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە دۇئادىنمۇ ئەۋزەلراق بىر ئىبادەتنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. چۈنكى دۇئادا ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىدىن بىھاجەت ۋە ئالى ئىكەنلىكى، بەندىنىڭ ئاجىز، ھەر ۋاقىت ئاللاھقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىدۇ.