عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«الْمُؤْمِنُ الْقَوِيُّ، خَيْرٌ وَأَحَبُّ إِلَى اللهِ مِنَ الْمُؤْمِنِ الضَّعِيفِ، وَفِي كُلٍّ خَيْرٌ، احْرِصْ عَلَى مَا يَنْفَعُكَ، وَاسْتَعِنْ بِاللهِ وَلَا تَعْجَزْ، وَإِنْ أَصَابَكَ شَيْءٌ، فَلَا تَقُلْ لَوْ أَنِّي فَعَلْتُ كَانَ كَذَا وَكَذَا، وَلَكِنْ قُلْ قَدَرُ اللهِ وَمَا شَاءَ فَعَلَ، فَإِنَّ (لَوْ) تَفْتَحُ عَمَلَ الشَّيْطَانِ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كۈچلۈك مۇئ‍مىن ئاجىز مۇمىندىن ياخشىدۇر ۋە ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر. ھەممىسىدە ياخشىلىق بار، ئۆزىڭىزگە پايدىلىق بولغان ئىشلارغا ھېرىسمەن بولۇڭ، ئاللاھدىن ياردەم سوراڭ، ئاجىز بولماڭ، ئەگەر سىزگە بىر ئىش يەتسە، ئەگەر ئۇنداق، بۇنداق قىلغان بولسام بوپتىكەن دېمەڭ، لېكىن ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنى بولدى، ئاللاھ خالىغاننى قىلىدۇ دەڭ، "ئەگەر" دېگەن سۆز شەيتاننىڭ ئىشىغا يول ئاچىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئ‍مىنلەرنىڭ ھەممىسىدە ياخشىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى، لېكىن ئۆزىنىڭ ئىمانى، ئىرادىسى كۈچلۈك، مال-دۇنياسى كۆپ ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئىشلىرىدا باشقىلاردىن ئۈستۈن بولغان كىشى ئاللاھ تائالاغا ئاجىر مۇئ‍مىندىن ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئ‍مىنلەرگە: ئاللاھقا تايىنىپ، ئاللاھدىن ياردەم سوراپ ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىدىن ئۆزلىرىگە مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارنىڭ سەۋەپلىرىنى قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى دۇنيادا مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارنى قىلىشتىن ئاجىز بولۇش ، ھورۇنلۇق قىلىش، بوشاڭلىق قىلىش ۋە ئېغىر بولىۋېلىشتىن چەكلىدى. مۇئ‍مىن ئىش-ئەمەللەرنى قىلىشتا تېرىشچانلىق قىلسا، سەۋەپلەرنى قىلسا، ئاللاھدىن ياردەم سوراش بىلەن بىرگە ئاللاھدىن ياخشىلىقنى تەلەپ قىلسا، ئۇ كىشى ھەممە ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇشى كېرەك، شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئاللاھ تائالانىڭ تاللىغىنى ئۇ ياخشىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەر بالا-مۇسىبەت يەتسە، تۆۋەندىكى سۆزنى دېمىسۇن: ئەگەر مەن مۇنداق، مۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاتتىكەن دېمىسۇن. "ئەگەر" دېگەن سۆز شەيتاننىڭ ئىشىغا يول ئاچىدۇ". بۇنىڭدا يوقالغان نەرسىگە ھەسىرەتلىنىپ تەقدىرگە قارشى چىقىش بولىدۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇپ، رازى بولۇپ: «ئاللاھنىڭ تەقدىرى، ئاللاھ خالىغان ئىشنى قىلدى» دېسۇن. ئەگەر چەكلەنگەن ئىش يۈز بېرىپ قالسا، بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنىڭ تەقەززاسى بىلەن بولىدۇ، ئاللاھ خالىغاننى قىلغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ ھۆكمى قايتۇرۇلمايدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمىگە بىرسى قوشۇمچە قىلالمايدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. كىشىلەر ئىماندا پەرقلىق بولىدۇ.
  2. ئەمەللەردە كۈچلۈك بولۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئاجىزلار ئېرىشەلمىگەن پايدىلارغا ئېرىشىدۇ.
  3. ئىنسان ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ئىشلارغا ھېرىسمەن بولىشى پايدىسى بولمايدىغان ئىشلارنى تەرك قىلىشى كېرەك.
  4. مۇئ‍مىنگە ھەممە ئىشلىرىدا ئۆزىگىلا تايىنىۋالماستىن ئاللاھ تائالادىن ياردەم تەلەپ قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
  5. ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە ھۆكمىنى ئىسپاتلاش، بۇ سەۋەپلەرنى قىلىپ ياخشىلىق تەلەپ قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ.
  6. مۇسىيبەتكە ئۇچرىغان ۋاقىتتا ئۇنى ئۆز كۆرۈش يولى بىلەن "ئەگەر" ئۇنداق بولغان بولسا ياكى بۇنداق بولغان بولسا دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش چەكلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە ۋە ھۆكمىگە قارشى چىقىش ھارامدۇر.
تېخىمۇ كۆپ